خىتاي ئىنتېرنېتنى نېمىگە تايىنىپ كونترول قىلىۋاتىدۇ؟

فرانسىيىدە چىقىدىغان 'فىگارو گېزىتى' نىڭ باش بېتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتنى قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى دېلىللايدىغان بىر ماقالە ئېلان قىلىنىدى. بۇ، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان ئىنتېرنېت ھەققىدىكى جاكارلىرىغا بېرىلگەن رەدىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.01.25
Gugul-Xitaydiki-ishxana-binasidin-biri-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﮔﻮﮔﯘﻟﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
AFP Photo

فرانسىيىدە چىقىدىغان 'فىگارو گېزىتى' 1‏- ئاينىڭ 22 ‏- كۈنى پۈتۈن باش بېتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتنى قانداق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللەيدىغان بىر يېرىك ماقالە ئېلان قىلدى.

مېڭ جيەنجۇنىڭ 'جۇڭگودا ھازىر ئىنتېرنېت ناھايىتى تېز تەرەققى قىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلاشقا قارىتا ئېغىر تەھدىت بولۇۋاتىدۇ' دەپ جاكارلىغانلىقى بۇنىڭ دەلىلى

'فىگارو گېزىتى' نىڭ بۇ ماقالسى، شەك-شۆبھىسىزكى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇتەئەسسىپ ئەمەلدارلىرى پۈتۈن دۇنيادا راۋان قوللىنىلىدىغان ئىنتېرنېتنى پەقەت خىتاي دائىرىسىدىلا چەكلىنىدىغان 'خىتاي ئىنتېرنېتى' گە ئايلاندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ بۇلتۇر كۈزدە، 'جۇڭگودا ھازىر ئىنتېرنېت ناھايىتى تېز تەرەققى قىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلاشقا قارىتا ئېغىر تەھدىت بولۇۋاتىدۇ' دەپ جاكارلىغانلىقى بۇنىڭ دەلىلى، دەپ باشلانغان.

شۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا 'ئاممىۋىي تور ۋەقەلىرى' دېگەن سىياسىي ئاتالغۇ پەيدا بولدى

'فىگارو گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان 'خىتاي ئىنتېرنېتنى نېمىگە تايىنىپ كونترول قىلىۋاتىدۇ؟' دېگەن بۇ ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: خىتاي ھۆكۈمىتى، تېز تەرەققى قىلىۋاتقان ئىنتېرنېتنى، بۇلتۇرلا خەلق ھۆكۈمەتكە بولغان غەزىپىنى ئىپادىلەيدىغان، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى دەرھال دۇنياغا يايىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە خەتەرلىك قورالغا ئايلىنىپ قالدى، دەپ ھېسابلاپ، ئىنتېرنېتنى توسىدىغان بىر چوڭ سېستىما قۇرۇشقا كىرىشكەن ئىدى. ئالدى بىلەن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى بىلەن خىتاي دۆلەت كابىنتى ئۇچۇر ئىشخانىسى بىرلىشىپ ھەرىكەت قوللىنىپ، خىتايدا ئۇچۇرنى ۋە شەخسىلەرنىڭ ئەركىن سۆزلىشىنى قاتتىق چەكلەشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا 'ئاممىۋىي تور ۋەقەلىرى' دېگەن سىياسىي ئاتالغۇ پەيدا بولدى.

'فىگارو گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا، خىتاينىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت كابىنتى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ جايلاردىكى شۆبىلىرىنىڭ ئىنتېرنېتكە چەكلىمە قويىدىغان ئۆلچەملىرى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى خۇ شىندۇنىڭ تور پونكىتى جياڭسۇدا چەكلەنگەنلىكىگە قارشى ئىنتېرنېت سودىگىرى ئۈستىدىن سوتقا سۇنغان ئەرزى ئاققان ئىدى. ھازىر خىتايدا ئىنتېرنېتكە مۇئامىلە قىلىش جەھەتتە ناھايىتى چوڭ چېكىنىش بار، بۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنلۇق دەۋالارنىڭ خىتايدا سورىلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'يېشىل توسما' ۋە كۆك توسما' پىلانلىرى

'فىگارو گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بۇلتۇر 6 ‏- ئايدا كومپيۇتېر سودىگەرلىرىنى ھەر بىر كومپيۇتېرغا 'يېشىل توسما' ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلىغان، بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس ناھايىتى جىددىي بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'يېشىل توسما' پىلانى ئاقمىدى، ئەمما خىتاي بۇ ۋاقىتتا 700 دىن ئارتوق تور بېتىنى بىراقلا تاقىۋەتتى.

بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە 'كۆك توسما' پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ پىلان بۇيىچە، ئىنتېرنېت سودىگەرلىرىنى تورلاردىكى مۇھىم سۆز ۋە مەزمۇنلارنى تېخىمۇ قاتتىق سۈزۈشكە مەجبۇرلىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىنتېرنېت ئەھلى خىتاينىڭ بۇ توسمىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى يۈز مىليوندىن ئارتۇق تور بېتىنى توساش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشقا باشلىدى.

خىتاي خېكېرلىرى 22‏ - چىسلا كۈنى فىگارو گېزىتىگە 250 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇم قوزغىدى

خىتاي خاككېرلىرى 22‏ - چىسلا كۈنى بىر كۈن ئىچىدىلا فىگارو گېزىتىگە 250 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇم قوزغىدى. 1999 ‏- يىلى ئامېرىكا قىسىملىرى خىتاينىڭ يۇگۇسلاۋىيىدىكى ئەلچىخانىسىنى بومبىلىغاندا، خىتاينىڭ خاككېر ھۇجۇمى دەل مۇشۇنداق ئەۋج ئالغان ئىدى. خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئۇلارغا ھەر دائىم 'ئادەم قوبۇل قىلىش ئېلانى' ئارقىلىق خاككېر ئەۋەتىپ تۇرۇۋاتىدۇ. 'جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى' نىڭ ئاشكارىلىشىچىمۇ، ئۇلار 'جۇڭگودىكى تور ئەھلىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش' دېگەن نام بىلەن ھەتتا ئىراننىڭ تور بەتلىرىگىمۇ خاككېر ئەۋەتىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتگە نازارەت قىلىشتا ئۈچ خىل كۈچتىن پايدىلىنىدۇ

'فىگارو گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتگە نازارەت قىلىشتا، ئۈچ خىل كۈچتىن پايدىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ 40 مىڭدىن ئارتۇق تور ساقچىسىغا تايىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا 'قىزىل خاككېر' لىرى، يەنى ھۆكۈمەت ئۈزى 'ۋەتەنپەرۋەر' دەپ ئاتايدىغان چېقىمچىلىرىغا تايىنىپ، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇرلىرىنى تارقاتقان كىشىلەرنى تاپىدۇ. ئاندىن 'بەش موچەنچىلەر' گە ماقالە يازغۇزۇپ جىنايى نام توقۇپ چىقىدۇ. (بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان 'بەش موچەنچىلەر' دەسلەپ 2004 - يىلى خۇنەندە پەيدا بولغان، ئۇلارنىڭ ماقالە ئېلان قىلغاندا قوللىنىدىغان مەخپىي بەلگىسى ' بەش موچەنلىك تەڭگە پۇل'، بۇلار تور ئەھلىنىڭ ھەممىسىنى 'كالۋالار' دەپ ئاتايدۇ. خىتايدا 'بەش موچەنچىلەر' دەپ ئاتىلىدىغان مائاشلىق سۇخەنچىلەرنىڭ سانى ھازىر بىر نەچچە مىڭدىن ئاشىدۇ.)

ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى 7 يۈز مىليوندىن ئارتۇق يانفوننىمۇ نازارەت قىلىشقا باشلىدى

'فىگارو گېزىتى' دە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ھازىر 7 يۈز مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يانفون قوللىنىدۇ، يانفون ئارقىلىق يازما ئۇچۇر ئەۋەتىش ئىنتايىن تېز، شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر يەنە 'شەھۋانىيلىقنى توساش' دېگەن نام بىلەن يانفونلارنىمۇ نازارەت قىلىشقا باشلىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېتكە چەكلىمە قويغانسېرى خىتاينىڭ توسمىلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتىدىغان ئادەم شۇنچە كۆپەيگەندەك، يانفون قوللانغۇچىلارمۇ خىتاينىڭ سۈزگۈچلىرىگە چۈشمەيدىغان سۆزلەرنى قوللىنىپ خىتاينىڭ توسمىلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈۋاتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.