خىتاينىڭ پاكىستاننىڭ شىمالىي قىسمىنى كونترول قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقورغان قاتارلىق رايونلىرىغا چېگرىلىنىدىغان گېلگىت- بالتىستان رايونىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ھالبۇكى، بۈگۈن پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، گېلگىتنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى رەت قىلدى ۋە بۇ رايونىدىكى خىتايلارنىڭ پەقەت ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يول ياساۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.08.31
Keshmir-xeritisi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﻪﺷﻤﯩﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﻰ.
http://www.himanshushekhar.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي گېلگىت رايونىغا كىرسە، بۇ، ھىندىستان ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىدىكەن.

"نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى" دە بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، پۈتۈن دۇنيا پاكىستاننىڭ ئىندۇس دەرياسى ۋادىسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش بولۇۋاتقان پەيتلەردە، خىتاينىڭ 7 مىڭدىن 11 مىڭغىچە ئارمىيىسى گېلگىت  - بالتىستان رايونىغا كىرگەن. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار چەتئەل جاسۇسلۇق ئورگانلىرى، پاكىستان مۇخبىرلىرى ۋە پاكىستان كىشىلىك ھوقۇق خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، گېلگىت رايونىغا كىرگەن خىتاي ئارمىيىسى تومۇر يول ياساشقا كىرىشىدىكەن. بەزى ئەسكەرلەر قاراقۇرۇم تېغىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياساپ ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارسا، يەنە بەزىلىرى سۇ ئامبىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى قىلىدىكەن.

ئاسىيا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ رايون جۇغراپىيىلىك ئورۇن جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەن.

گېلگىت - بالتىستان رايونىدا پاكىستان ھاكىمىيىتىگە قارىشى توپىلاڭلار بارغانچە ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىدى. ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، پاكىستان ئۆز دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر رايوننىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى خىتايغا بېرىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ رايوننى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئەرەب دېڭىزى ۋە پارس قولتۇقىغا تۆمۈر يول بىلەن توسالغۇسىز كىرىشنى مەقسەت قىلغان.

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ نېفىت توشۇغۇچى پاراخوتلىرى پارس قولتۇقىغا ئادەتتە 16 ياكى 25 كۈندە كىرىدىكەن. ئەگەر گېلگىت - بالتىستان رايونى بىلەن خىتاي پاكىستاننىڭ گۋادار رايونى پاسنى پورتىغا ياسىغان دېڭىز ئارمىيە پورتى تىز سۈرئەتلىك پويىز لىنىيىسى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلسا، بۇ لىنىيە بىلەن خىتايدىن پارس قولتۇقىغا 48 سائەتتە كەلگىلى بولىدىكەن.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گېلگىت رايونىنىڭ خىتايغا بېرىۋېتىلگەنلىكىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، مەزكۇر رايونغا كىرگەن خىتايلارنىڭ كەلكۈندە بۇزۇلغان يوللارنى ئوڭلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى، "نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى" دە كۆرسىتىشىچە، گېلگىت رايوندىكى خىتاي ئارمىيىسى تېخى يېقىنغا كەلگۈچە گېلگىتقا كېلىپ - كېتىپ ھەرىكەت قىلغان بولسا، يېقىندىن بۇيان گېلگىتتا تۇرالغۇلارنى سېلىشقا باشلىغان.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ خىل كېڭىيىش مۇددىئاسىغا ھازىرغىچە ئېنىق چۈشەنچە بەرمىگەن. شۇڭلاشقا بۇ خىل ئەھۋال باشقا دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. شۇنداق شارائىتتا ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز ۋە باشقا رايونلارغا خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەيدىغان بەزى تەدبىرلەرنىمۇ ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاينىڭ پاكىستاندا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشى، ھەمدە ھىندى ئوكيانغا تۇتاش پاكىستان پورتىدا دېڭىز ئارمىيە پورتى سېلىشى، خىتاي بىلەن چېگرا ئىختىلاپى بار ھىندىستاننىمۇ بىئارام قىلىدىكەن. ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ھىندىستان نۆۋەتتە ئۆز ئارمىيىسىگە ئىككى يۆنىلىش بويىچە جەڭ قىلىش تەلىماتى بەرمەكتە ئىكەن. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىشى ئانچە ئاسانغا توختىمايدىكەن.

گېلگىت - بالتىستان رايونى پاكىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقورغان ۋە خوتەن رايونىغا، شەرقىي شىمالدا ئاقسايچىن رايونى، شەرقتە ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى جامۇ ۋە كەشمىر رايونىغا چېگرىلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.