پروفېسسور سۈن ۋېنگاڭ: ھۆكۈمەت شىنجاڭ خەلقىگە تۆلەم تۆلىشى كېرەك

شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سۈن ۋېنگاڭ، ئالدىنقى كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇچۇر ئالاقە چەكلىمىسىنى يەنە بىر قېتىم تەنقىدلىگەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى 7 - ئايدا ئۇيغۇر رايونىدا تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت كېسىۋېتىلگەندە، ئۇچۇر ئالاقىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بىر ئىنسانىي ھەق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ
2010.03.25
sun-wengang-305.jpg ﭘﺮﻭﻓﻔﯩﺴﻮﺭ ﺳﯜﻥ ﯞﯨﻨﮕﺎﯕﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ
Photo: RFA

ئۇ شۇ قېتىمقى ماقالىسىدە، ئۇچۇر - ئالاقىنى چەكلەشنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە قارشى ھۇجۇم بولۇپلا قالماي، ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇ بۇ قېتىمقى ماقالىسىدە، ئاساسلىقى ئۇچۇر - ئالاقە چەكلىمىسىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا 600 مىڭدىن ئارتۇق ئىنتېرنېت قوللانغۇچىسى بار. نۆۋەتتىكى سودا - تىجارەتنىڭ كۆپ قىسمى ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئۇچۇرىغا تايانغان. ئىنتېرنېت تاقالغان 8 ئايدىن بېرى ئىنتېرنېت چەكلىمىسى تۈپەيلى بىرقىسىم شىركەتلەر تاقالغان، كۆپ قىسمى بولسا زىيانغا ئۇچرىغان ياكى پايدىسى ئازايغان. شۇڭا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىقتىسادىي تۆلەم تەلەپ قىلىشى ۋە سياسىي جەھەتتىن مەسئۇلىيەت سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك.

سۈن ۋېنگاڭ بۇ قېتىمقى ماقالىسىدە، ئۇچۇر ئالاقە چەكلىمىسىنىڭ يېقىنقى 60 يىللىق خىتاي ھاكىمىيەت تارىخىدا ناھايىتى زور بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى، 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسدىمۇ، 2008 - يىلىدىكى 14 - مارت لاسا ۋەقەسىدىمۇ ئۇچۇر - ئالاقىنىڭ چەكلەنمىگەنلىكىنى، ئەگەر بۇ تۈر زوراۋانلىققا ئىنكاس قايتۇرۇلمىسا، بۇ تەدبىرنىڭ بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىمۇ يولغا قويۇلۇش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتكەن.

سۈن ۋېنگاڭ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئىنتېرنېتنى چەكلەشنى مۇقىملىقنىڭ ئېھتىياجى ئەمەس دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇنى مەۋجۇت ھاكىمىيەتنىڭ ئېھتىياجى دەپ چۈشەندۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "ھۆكۈمەت دۈشمەن كۈچلەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق خەلقنى كۈشكۈرتىدۇ دەيدۇ؛ ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا ئىنتېرنېتتىن باشقا يەنە رادىئو - تېلىۋىزىيە، گېزىت - ژۇرنال قاتارلىق بارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى مەۋجۇت ؛ نېمە ئۈچۈن تەشۋىقاتچىلىقتا ھۆكۈمەت ئەشۇ ئاز ساندىكى دۈشمەن كۈچلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلەلمەيدۇ؟"

سۈن ۋېنگاڭنىڭ قارىشىچە، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي ۋە ئېنىق. چۈنكى، ئەمەلىيەتتە ۋەزىيەت ھۆكۈمەتنىڭ دېگىنىدەك ئەمەس. ھۆكۈمەت رېاللىقنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن؛ ھەقىقەتنىڭ بىلىنىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ.

"ھۆكۈمەت قارشى مەيداندىكىلەرنى ئاز ساندىكى دۈشمەن كۈچلەر دەيدۇ. نېمە ئۈچۈن ئاز ساندىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن، رايوندىكى پۈتۈن بىر خەلق جازاغا ئۇچرايدۇ؟"
 سۈن ۋېنگاڭ بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: "ئەمەلىيەتتە قارشى تۇرغۇچىلار ئاز ساندىكى كىشىلەر ئەمەس؛ ئۇلارنىڭ ئىرادىسى خەلقنىڭ ئىرادىسى. ھۆكۈمەتنىڭ قورقۇۋاتقىنى ئەنە شۇ خەلقنىڭ ئىرادىسىدۇر."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.