رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن 12 - ئۆكتەبىر كۈنى كەچتە بېيجىڭغا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتكە كەلگەندە، خىتاي باش مىنسىتىرى ۋېن جياباۋ ئۇنى قىزىل پايانداز سېلىپ قارشى ئالدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى ھازىر خەلقئاراغا ھەر خىل تېمىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ھەدەپ ماختاشقا باشلىدى.
ۋېن جياباۋ : خىتاي - رۇسىيە ھەمكارلىقىدا يېڭىچە مۇناسىۋەت باشلاندى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ قارشى ئېلىش نۇتقىدا 'خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتى 60 يىلدىن كېيىن پىشىپ يېتىلدى، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 13 يىلدىن بۇيان تېخىمۇ تەرەققى قىلدى. خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كومىتېتىدا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئورتاق مەنپەئەت ئاساسىىدىكى ھەمكارلىقى، بۇ قېتىم يېڭى كېلىشىملەر تۈزۈش ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. ھازىر بىز بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا يېڭىچە ھەمكارلىق باشلاندى ' دېگەن.
پۇتىن: ھازىرقى رۇسيە - خىتاي مۇناسىۋىتى دۇنيانىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئاساسى
رۇسيە باش مىنىستىرى ۋىلادېمىر پۇتىن 'رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىپ بولدى، سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىق كۈنسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ، ئەمدى خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئورتاق مەنپەئەت ئاساسىدىكى ھەقىقىي ۋە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق باشلاندى، ھازىرقى رۇسيە - خىتاي مۇناسىۋىتى دۇنيانىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئاساسى' دېگەن.
خىتاي بىلەن رۇسىيە 12 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى ۋە ئورتاق مالىيە ئورگىنى تەسىىس قىلىشقا كېلىشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان 12 تۈرلۈك مۇھىم كېلىشىم، رۇسىيىنىڭ سكوۋورودىنودىن خىتاينىڭ داچىڭ شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇلىدىغان تەبىئىي گاز ۋە نېفىت تۇرۇبىسىنى 2010 - يىلى پۈتتۈرۈپ، 2011 - يىلىدا خىتاينى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە باشلاش كېلىشىمى، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا يۇقىرىي سۈرئەتلىك پويىز قاتنىتىش كېلىشىمى، سىياسىي جەھەتتە ئۆز - ئارا ئىشىنىش كېلىشىمى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا پائالىيىتىدە ئۆز - ئارا خەۋەرلەندۈرۈش كېلىشىمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ كېلىشىملەرنى ئىمزلاشقا قاتناشقان خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىسىتىرى جاڭ دېجاڭ بىلەن رۇسىيىنىڭ تەڭ دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئالېكساندىر جۇكوف يەنە بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مالىيە ئورگىنى تەسسىس قىلىشقا كېلىشكەن.
خىتاي بىلەن رۇسيە ئىمزالىغان كېلىشىملەر رۇسىيىنىڭ شەرقىي شىمالى بىلەن خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى رايونلارغا قارىتىلغان
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئىمزالانغان بۇ كېلىشىملەرنى، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى رايون بىلەن رۇسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سېبىرىيە رايونىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان كېلىشىم، دەپ جاكارلىدى.
بۇ كېلىشىملەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە يەنە، ئەتە خىتاي، رۇسىيە، ئۈزبېكستان، تاجىكستان، قىرغىزستان، قازاقستاندىن ئىبارەت 6 دۆلەت 2001 - يىلى قۇرغان، موڭغۇلىيە، ھىنىدستان، ئىران، پاكىستانلار كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىدىغان 'شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى'غا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى باشلىنىدىكەن. بۇ ئۇچرىشىشتا، بۇ قېتىم خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەر ئەمەلىيلەشتۇرۇلۈشى مۇمكىن.
خىتاي - رۇسيە مۇناسىۋىتى قانداق مۇناسىۋەت؟
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە باش مىنىسىتىرى پۇتىن خىتاينى زىيارەت قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي بىلەن رۇسيە ئوتتۇرىسىدا 30 دىن ئارتۇق كېلىشىم ئىمزالاندى، بۇنىڭ قىممىتى 5 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالىنىپ بولغان ئىدى.
خىتاي نېفىت سەرپ قىلىشتا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، رۇسيە بولسا مول نېفىت بايلىقىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرى، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇ يىل ئەتىيازدا، سېبىرىيىدىن خىتايغا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېلىپ كېلىدىغان تۇرۇبا قۇرۇلۇشى باشلاندى.گەرچە بۇ يىل رۇسىيىدە خىتايغا قارشى رۇس مىللەتچىلىكى ئەۋج ئېلىپ، رۇسىيىنىڭ سودا بازارلىرىدىمۇ،خىتاي ماللىرىنى چەكلەيدىغان جىددىي ھەرىكەتلەر رۇسيە باش مىنىسىتىرىنىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ يەنىلا بۇ يىلقى خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى 'بىر يېڭىچە مۇناسىۋەت باشلانغان يىل' دەپ تەسۋىرلىدى.
ب ب س تور بېتىدە 'خىتاي - رۇسيە مۇناسىۋىتى قانداق مۇناسىۋەت؟ ' دېگەن تېمىدا بۈگۈن باشلانغان ئەركىن مۇنازىرىدە، نامسىز يوللانغان ئوبزورلاردا، ھازىرقى خىتاي - رۇسيە مۇناسىۋىتى پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان مۇناسىۋەت ئىكەنلىكى، رۇسيە ئەسلىدە خىتاينىڭ دۈشمىنى بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن يىللىق خىتاي - رۇسىيە پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنى باش كۆتۈرگۈزمەسلىكنى مەقسەت قىلىپ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى، ھازىرمۇ يەنىلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى كۆسىتىلدى.
ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىسى 'يېراقتىكى دۈشمەن بىلەن دوس بولۇپ، يېقىندىكى دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلىش'. بۇ ئىستراتېگىيە بۇيىچە، خىتاينىڭ ھازىرقى دۈشمىنى كاپىتالىزم ئەمەس، ئامېرىكىمۇ، ياپونىيىمۇ ئۇنىڭ دۈشمىنى ئەمەس، بەلكى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ دۈشمىنى رۇسىيە بىلەن ھىنىدستان.
رۇسىيە تارىختىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئەتراپتىكى باشقا مىللەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە، ھازىر چېچەنستان، گروزىيە، ئوكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاشكارا قارشىلىقى، تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ يۇشۇرۇن ھالدا ئەۋج ئېلىۋاتقان قارشىلىقى بىلەن مىسلىسىز دەرىجىدە يېتىم قالدى. خىتاي بولسا، تارىختىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان ئەتراپىدىكى باشقا مىللەتلەرنى يوقىتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە، مىسلى كۆرۈلمىگەن قارشىلىققا، بولۇپمۇ تىبەتلەرنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەتئىي نىيەتكە كەلگەن قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.
خىتاي ھازىر بۇنداق شارائىتتا، بولۇپمۇ، ياۋروپا بىرلىكى بىلەن ئامېرىكا يولغا قويۇۋاتقان قورال يۆتكەشنى مەنئىي قىلىش سىياسىتى شارائىتىدا، رۇسيە بىلەن دوس بولىدىغان پەسكەش سىياسەتنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. خىتاي كۈنلەرنىڭ بىرىدە قورال يۆتكەش ھوقۇقىغا ئىگە بولسىلا، ئالدى بىلەن رۇسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ.
