غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا قارشى تەشۋىقاتلىرى


2008.03.04

غۇلجا شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات باشقارمىسى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان " غۇلجا تەشۋىقاتى" ژۇرنالىنىڭ 2008‏ - يىلى يانۋار سانىدا، " رابىيە قادىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت ئېلىپ كېلەلەمدۇ"،" بىرلىكسەپ، دىن خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر" قاتارلىق بىر نەچچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىلەردە خىتاي دائىرىلىرى سىزنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىڭىزنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇ پائالىيەتلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەر دەپ كۆرسەتكەن.

"رابىيە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت ئېلىپ كېلەلەمدۇ" ماۋزۇلۇق ماقالىدە، "رابىيەنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى قانداقتۇر بىر دىنىي مەسىلە ئەمەس، مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، دۆلەتنى پارچىلايدىغان جىنايى ھەرىكەت. بارلىق مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارغا ئوخشاش رابىيە غەرب دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ' دېموكراتىيە' ۋە ' كىشىلىك ھوقۇق' نىقابىنى كىيىۋېلىپ، ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ، يامان غەرەز بىلەن، جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى" دەپ كۆرسىتىلگەن.

" بىرلىكسەپ، دىن خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر" سەرلەۋھىلىك ماقالىدە، "رابىيە قادىر، دۆلەتنى پارچىلاش سۈيىقەستىدە بولغاچقا، ھۆكۈمەت ئۇنى تۇتۇپ قانۇنىي مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلغان ئىدى. ئۇ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ تەسىرىدە دۆلەتنى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۈيىقەستىدە بولغان. بولۇپمۇ 2007‏-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، دۆلەتنى پارچىلاش ھەرىكىتى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، بارغانسېرى غالجىرلاشقان. ئۇ ھەممىلا يەردە ئىغۋا تارقىتىپ، باشقىلارنى ئۆزىگە تارتقان. بىز ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئۇنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى تونۇتۇپ، رابىيە قادىرنىڭ ئالدامچىلىقىنى ئاشكارىلىشمىز كېرەك" دەپ تەكىتلەنگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.