ياۋروپادا ياشاۋاتقان موڭغۇل ئاكتىپلىرى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىكى دام مەيدانىدا توپلىشىپ، ئىچكى موڭغۇلدىكى نارازىلىق نامايىشىغا ئاۋاز قوشتى.
ياۋروپادىكى موڭغۇل ئاكتىپلىرى ئامىستېردامدا نامايىش قىلدى. 2011-يىلى 30-ماي.
مەرگەن ئىسىملىك موڭغۇل چارۋىچىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قارىتا شىلىنغول ناھىيىسىدە قوزغالغان نارازىلىق نامايىشى، خىتاي ساقچى-ئارمىيەلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ياۋروپادا ياشاۋاتقان موڭغۇل ئاكتىپلىرى گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىكى دام مەيدانىدا توپلاندى.
30-ماي سائەت 12 دە قوللىرىدا بايراق ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان موڭغۇل نامايىشچىلار تۈرلۈك مەزمۇنلاردا شوئارلارنى توۋلاپ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئورگانلارغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارنى بىگۇناھ موڭغۇل خەلقىنىڭ قىرغىن قىلىنىشىغا يول قويماسلىققا چاقىردى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان موڭغۇل پائالىيەتچىلىرى يېتەكچىسى تىڭچىڭچۇ ئەپەندى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ: موڭغۇل يايلاقلىرىنى قوغداش يولىدا قۇربان بولغان قەھرىمانىمىزنىڭ خۇن دەۋاسى بىلەن قوزغالغان شىلىنغول نامايىشى خەتەرلىك پەيتتە تۇرماقتا. شۇ سەۋەبتىن ياۋروپادىكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ياۋروپادىكى دوستانە تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ھەمراھلىقىدا پائالىيىتىمىزنى ئامىستېردامغا مەركەزلەشتۈردۇق. بىزگە مەدەت بېرىپ يېقىندىن قوللاپ كەلگەن ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق تەقدىرداشلىرىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، دېدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە خىتاي، تىبەت ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاكتىپلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ بىرلەشمە نامايىشى زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان مەزلۇملارنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىگە ۋە دىكتاتورلىقىغا قارشى ئاتلانغان ئورتاق مەقسىتىنى ئىپادىلىگەن.
پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىدىن ئۇزۇندىن بىرى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان غەيرەتچان روزى ۋە بەختىيار ناسىر قاتارلىق ئەپەندىلەرمۇ ئۆز چۈشەنچىلىرىنى بايان قىلدى.
| ﺑﯧﺴﯩﺶ | ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ |
موڭغۇل چارۋىچىنى ماشىنىغا باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش ۋەقەسى يەنە يۈز بەرگەن
بىر نەپەر خىتاي شوپۇر يەنە بىر موڭغۇل چارۋىچىنى ماشىنىسى بىلەن سوقۇپ ئۆلتۈرگەن
ئىچكى موڭغۇلدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار نامايىش قىلدى
ئىچكى موڭغۇلدا خىتايلار بىلەن يەرلىك موڭغۇللار ئارىسىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بەردى
ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننۇر ئايمىقىدا موڭغۇللار تۇتقۇن قىلىندى
ئىچكى موڭغۇلدا يەنە نامايىش يۈز بەردى
موڭغۇل تەشكىلاتلىرى ئىچكى موڭغۇلدا تۇتقۇن قىلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
خىتاي ھۆكۈمىتى موڭغۇل چارۋىچىنى ئاپتوموبىل بىلەن يانجىپ ئۆلتۈرگەن خىتاي شوپۇر ئۈستىدىن سوت ئاچتى
خىتاي دائىرىلىرى نامايىشقا قاتناشقان موڭغۇللاردىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىدى
پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ
Click here to add your own comment