بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىكى بۇلتۇر 12 - ئايغا قەدەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم سانى 183 مىڭ 733 يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 30% كۆپەيدى؛ بۇلتۇر 10 - ئايغا قەدەر ئەيدىز بىمارلىرى 12 مىڭ 464 ئادەم ئۆلدى، دەپ ئېلان قىلغان. خەۋەردە ئەيتىلىشىچە، خىتايدا ئەگەر جىددىي تەدبىر قوللىنىلماي مۇشۇ سۈرئەتتە يامراپ كېتىۋەرسە، يەنە 10 يىللار دىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم سانى 10 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نېفت بايلىقى ناھايىتى مول بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتايدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەڭ ئېغىر بولغان تۆرت رايوننىڭ بىرى. بۇ رايوندا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئۇنىڭ سياسى ۋە مەدەنىيەت مەركىز بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ ئېغىر. ئۈرۈمچىدە بۇلتۇر بىر يىلدىلا يېڭىدىن قۇشۇلغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم سانى 2051. ھېسابلاپ كۆرۈلىشىچە، بۇلتۇر بۇ رايوندا ھەر كۈنى 6 ئادەمگە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇپ تۇرغان. (ۋەلى)
