نارات ئايرودرۇمى كېلەر يىلى 9 - ئايدا پۈتىدۇ


2004.12.31

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۈنەس ناھىيىسىدىكى نارات ئايرودرۇمى كېلەر يىلى 9 - ئايدا پۈتىدۇ. نارات ئايرودرۇمى ئاساسەن ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ياسىلىۋاتقان بولۇپ، ئايرودرۇمىنىڭ 2 ك م نېرىسىغا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلىدىكەن. ئايرودرۇم قۇرۇلۇشىغا 160 مىليون يۈئەن مەبلەش سېلىنغان. چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ كۆلىمى 4500 مو بولۇپ، 90 مىليون يۈئەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. بېيجىڭدىكى بىر خىتاي شىركىتى چاڭغا مەيدانى ياساشنى كۆتۈرىۋالغان. كۈنەس ناھىيىلىك ساياھەت ئىدارىسى 20 مىليون يۈئەن مەبلەغ سېلىپ، ئايرودرۇمدىن چاڭغا مەيدانىغىچە ئاسما ۋاگۇن شۇنداقلا رېستۇران، مىھمانخانا قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ياساشقا مەسئۇل بولىدۇ.

"ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نارات ئايرودرۇمىغا 737، 747 بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى قونالايدىكەن. خىتاينىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، بۇ يىل 4 - ئايدا نارات ئايرودرۇمى قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان. ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نارات ساياھەت رايونىغا ئايرودرۇم ياساش پىلانى 1996 - يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئىچكىرىدىكى خىتاي ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش مەقسەت قىلغان. نارات، شەرقىي تۈركىستاندىكى تەبىئىي مۇھىتى ئەڭ گۈزەل رايونلارنىڭ بىرى. بىراق مۇھىت قوغدىغۇچىلار، نارات ئايرودرۇمى ۋە چاڭغا تېيىلىش مەيدانى قۇرۇلۇشىنىڭ رايوندىكى مۇھىت ئېكولوگىيىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.