د ئۇ ق: قەشقەر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يەتكۈزۈلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنى قوزغىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، قەشقەر دىيارىنىڭ چەت يېزا، قىشلاق، كوچىلىرىغىچە چارلاش ئەترەتلىرىنى تۇرغۇزۇپ، بۇ جاينى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغان.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.05.06

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقى ۋە ئىستانسىمىزغا بەرگەن باياناتىدا، بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ 25 ‏ - مايدىن 27 ‏ - مايغىچە شەرقىي تۈركىستانغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، قەشقەر ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كوچا - كوچىلاردا قوراللىق ئەسكەرلەر چارلاش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رېشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى گۇمانلىق دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارنى قەشقەر شەھەرلىك تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا سولىغاندىن سىرت، ناھىيىلىك تۈرمە سوراقخانىلىرىغا يۆتكىگەن.

دىلشات رىشىت يەنە، قەشقەر شەھىرىنىڭ ھالىتىنى تەسۋىرلەپ، "ئۈستى ئوچۇق تۈرمە" دېدى.

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا 100 كۈن قالغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىمۇ، ئۇيغۇرلارغا سىياسىي زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغالغانلىقىنى تەكىتلىگەن دىلشات رېشىت، ئۈرۈمچى نوپۇسىغا ئىگە بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگەن جايلىرىغا قوغلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئولىمپىك ئىنسانلارنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە ئۆتكۈزۈلسە، بۇ ئولىمپىك روھىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن، شەرقىي تۈركىستانغا ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەشەببۈس قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.