د ئۇ ق : خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسى بار

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مېڭ خۇڭۋېي پەيشەنبە كۈنى، " جۇڭگو شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە " دېگەندىن كېيىن، مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.03

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئىستانسىمىز ۋە تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىغا، مېڭ خۇڭۋېينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى ئېچىلىش ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ دەپ ئەيىبلىشىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك سىياسىي مۇددىئاسى بار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بىرىنچىدىن، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى يالغۇز قالدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىستىكىنى باستۇرۇش، ئىككىنچىدىن تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش، ئۈچىنچىدىن بۇ ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش مۇددىئاسىغا يېتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دىلشات رېشىت سۆزىدە،" گەرچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىشىگە قارشى بولسىمۇ، بىراق ئولىمپىك روھىغا قارشى ئەمەس، شۇڭا ئولىمپىككە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلمايدۇ " دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا جامائەتنىڭ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ دېگەن ئەيىبلەشلىرى شۇنىڭدەك بۇنىڭغا ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سىياسىي مۇددىئالىرىغا ئالاھىدە دىققەت ‏ - نەزىرىنى بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي يوسۇندىكى سىياسىي تەلەپلىرىگە ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.