0:00 / 0:00
خىتاي ھۆكۈمىتى ئويۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرى " ئۈچ خىل كۈچ " ۋە " دۈشمەن كۈچلەر" گە قاتتىق زەربە بېرىش ، باش كۆتەرگەن ھامان ئۇرۇپ يېقىتىشقا ئوخشاش قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشنى تەرغىپ قىلدى. نۇر بەكرىنىڭ سۆزلىرى نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىىتمىزنى قوبۇل قىلدى.
تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى سۆھبەتنى ئاڭلايسىلەر. سۆھبەتنى ھازىرلىغۇچى ئۆز مۇخبىرىمىز ئەقىدە .
