رابىيە خانىم بېرلىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە بەردى

2008-04-21

ھازىر گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىل خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىكىگە تېررورلۇق ھۇجۇمى تەھدىتى شەكىللەندۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت ئەيىبلەشلىرىگە رەددىيە بەردى.


 بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يىغىندا رابىيە قادىر خانىم، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، چەتئەل ساياھەتچىلىرىگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىدا يۈرۈۋاتقان 45 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى مەقسىتىنىڭ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە مەركەزلەشكەن خەلقئارا جەمئىيەت نەزىرىنى باشقا ياققا بۇراش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

 خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، رابىيە قادىر خانىم يەنە: " غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەر بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە كۈرىشىمىزنى قوللايدۇ ھەمدە شۈبھىسىزكى بۇ، خىتايغا بولغان بېسىمنى ئاشۇرىدۇ" دېگەن.

دەرۋەقە، ئۆتكەنكى بىر نەچچە ئاي جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىل خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىكىگە تېررورلۇق ھۇجۇم پىلانلاۋاتقانلىقىنى ھەمدە مۇشۇنىڭغا ئائىت پاكىت سۈپىتىدە بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ قاراپ يولغا چىققان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوت قويۇشقا ئۇرۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا يەنە، ئۈرۈمچىدە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشنى پىلان قىلغان 45 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ

پىكىر - بايانلىرىڭىز تور باشقۇرغۇچىسى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى كېرەك بولۇپ، تور بەتتە شۇ زامان ئېلان قىلىنمايدۇ. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، پىكىر - بايانلىرىڭىزنىڭ تەستىقلانغان ياكى تەستىقلانمىغانلىقىنى قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈشىگىزنى سورايمىز. پىكىر - قاراشلىرىڭىزنى تۆۋەندىكى جەدۋەل ئارقىلىق، ئۇيغۇر كونا يېزىقى بويىچە يوللىيالايسىز.




ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ

ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ
ﺧﻪﯞﻩﺭﮔﻪ ﻣﯘﺷﺘﻪﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ
ﺑﯧﺴﯩﺶ
بۇ ھېكايىنى قوشۇۋېلىڭ

ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ

ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ

ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺘﯩﺪﺍ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ

ﺑﯧﺮﻟﯩﻦ ﺗﯧﻤﻰ ﻳﯩﻘﯩﺘﯩﻠﻐﯩﻠﻰ 20 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﯧﻤﻰ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﻳﯩﻘﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ؟

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻮﻗﯘﻕ ﯞﻩ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻛﯘﺭﺳﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ

ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻓﺮﺍﻧﻜﻔﻮﺭﺕ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﯩﺴﯩﺪﻩ

ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪﻩ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ

ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻏﺎ ﺗﯧﺮﺭﻭﺭﭼﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﺪﻯ

ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯧﻴﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻳﺎﻳﺪﻯ

'ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ...'

ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻫﻪﺳﻪﻧﻮﻓﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻫﻪﻡ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ


 
Radio Free Asia
2025 M Street NW, Suite 300
Washington DC 20036, USA
202-530-4900
uygweb@rfa.org