د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ميۇنخېندا باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017-11-10
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت

10-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە باشلاندى.

د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە 3 كۈن داۋاملىشىدىكەن. پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بۈگۈن سائەت 10:00 دا ميۇنخېن شەھىرىدىكى كرىستال مېھمانخانىسىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. 

دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، مىللىي مارشقا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. ئارقىدىن گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مارشى ئورۇنلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا رىياسەتچىلىك قىلدى. 

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ئاسىيا، ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرىدىكى 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن ۋەكىللىككە تاللانغان 120 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋەكىل قاتناشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قازاقىستانلىق مويسىپىتلاردىن رىزا سەمەدى، قەھرىمان غوجامبەردى، قىرغىزىستانلىق مويسىپىتلاردىن تۇرسۇن ئىسلام، روزىمۇھەممەد ھاجىم، تۈركىيەلىك مويسىپىتلاردىن ھامۇتخان گۆكتۈرك، گېرمانىيەلىك مويسىپىتلاردىن ئەنۋەرجان قاتارلىق دەۋا ئادەملىرىمۇ بار ئىدى. د ئۇ ق نىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى رەھبەرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق قاتناشقان بولۇپ، ۋەكىللەر، مېھمانلار، كۆزەتكۈچىلەر، شەرەپ مېھمانلىرى ھەمدە مۇلازىمەت خادىملىرىنى قوشقاندا 150 دىن ئارتۇق ئادەم بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ئىشتىراك قىلدى.

يىغىنغا يەنە 15 ئەتراپىدا چەتئەللىك شەرەپ مېھمانلىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى مارگارىتا باۋزى خانىم، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى ۋە پان-ياۋروپا ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى بېرند پوسسېلت، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ھېلگا ترۇپېل، ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نورمان باكېر، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى لۇئىسا گرېۋا، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مارىنو باسدۇخېن، سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى تۇبتېن ۋاڭچېن، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لېئا لارسون، شىددەتسىز رادىكال پارتىيىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى لائۇرا ھارس، تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ خادىمى ھاننو شىدلېر، شىۋېتسارىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى پاترىك مايەر، تۈرك فېدېراتسىيونىنىڭ رەئىسى شەنتۈرك دوغرايول قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا داخىل بولدى ھەمدە نۇتۇق سۆزلىدى. 

گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، سابىق يېشىللار پارتىيىسىنىڭ باۋارىيەدىكى رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىناس دوستى مارگارېتا باۋزى خانىم شەرەپ مېھمانلىرى ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان پىداكار ئۇيغۇرلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭمۇ ھەرقاچان ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىغا قولىدىن كېلىشىچە يار-يۆلەكتە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ئىتالىيە، بېلگىيە، ئىسپانىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق ئەللەردىن ئالايىتەن د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن شەرەپ مېھمانلىرىمۇ بىر بىرلەپ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دۇنيادىكى باشقا ھۆر، ئازاد مىللەتلەرگە ئوخشاش ئەركىن-ئازادە ياشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇلار سۆزلىرىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىپلەشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشتى. يىغىن كۈنتەرتىپىگە بىنائەن، چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 تىن باشلاپ قۇرۇلتاينىڭ ئىچكى يېپىق يىغىنى باشلاندى. بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن قۇرۇلتاي دائىمىي كومىتېتىنىڭ د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىمنى قۇرۇلتاينىڭ ئالىي رەھبىرى دەپ تونۇيدىغانلىقى توغرىسىدىكى قارارى ئوقۇپ ئۆتۈلدى ھەمدە رابىيە خانىمنىڭ مۇھاجىرەتتىكى 12 يىللىق ھاياتىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىگە باھا بېرىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، باش كاتىپى ۋە ھەرقايسى كومىتېتلارنىڭ خىزمەت دوكلاتى تەقدىم قىلىندى. 

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا تەشكىلات تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىنىش بىلەن بىرگە، يېڭىدىن رەھبەرلىك ھەيئىتى سايلاپ چىقىلىدىكەن ۋە قۇرۇلتاينىڭ يېڭى پىلان-پروگراممىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جەم بولغان ۋەكىللەر بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت