ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى ئاخبارات ۋە تور كونتروللۇقى مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.05.05
Amerika dolet mejliside otkuzulgen 4-maydiki guwahliq berish yighinidin bir korunush 4- ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايدىكى ئىنتېرنېت كونتروللۇقى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەسىرى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Aziz

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، خىتايدىكى ئاخبارات، ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتىگە قارىتىلغان دۆلەت كونتروللۇقىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە چېتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇشۇ ساھەدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئوخشاش بولمىغان تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بۇ خىلدىكى كونتروللۇق مۇھىتىدا دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈلاتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

خىتايدىكى ئىنتېرنېتقا قارىتىلغان كونتروللۇق ئۇزۇندىن بۇيان ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا قىزىق تېمىلاردىن بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تورلاردىكى تېكىستلەردىن «سەزگۈر» ئۇچۇرلارنى سۈزۈش مەقسەت قىلىنغان تور سۈزگۈچلۈكىنىڭ ئىزچىل رەۋىشتە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ۋە ئاۋامنىڭ ھاياتىغا تۈرلۈك ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ تەسىرى يالغۇز خىتاي بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، خىتايدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە روشەن دەرىجىدە سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنى باھالاش كومىتېتى» بۇ مۇناسىۋەت بىلەن  4-ماي كۈنى خىتايدىكى ئىنتېرنېت كونتروللۇقى ۋە خىتاينىڭ دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى تور بوشلۇقى ئۇرۇشىدا قوللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاچتى. يىغىنغا «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنى باھالاش كومىتېتى» نىڭ مۇدىرى كارولىن بارتولوميۇ  رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىننىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا گۇۋاھلىق بېرىپ سۆز قىلغۇچىلاردىن ئامېرىكىدىكى «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى دوكتۇر سۇفى رىچاردسون نۇقتىلىق قىلىپ خىتايدا ئۆتكەن 20 يىلدا ئۇچۇر ئەركىنلىكى ۋە تور دۇنياسىغا سۈزگۈچ قوللىنىشنىڭ ئىزچىل تۈردە يۇقرىلاپ ماڭغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

سوفى رىچاردسوننىڭ قارىشىچە، ئىنتېرنېت يېڭىدىن خىتايدا پەيدا بولغاندا بىر قىسىم كىشىلەر بۇنى سۆز ئەركىنلىكى جەھەتتىكى چەكلىمىلىكنى بۇزۇپ تاشلايدىغان بولدى، ئەمدى كىشىلەر تەخەللۇس بىلەن ياكى نامسىز شەكىلدىلا ئۆزلىرى ئويلىغان نەرسىنى دەرھاللا تورغا چىقىرىۋېتەلەيدۇ، دەپ ئىشەنگەن. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئالغان ليۇ شياۋبومۇ ئەينى ۋاقىتتا «ئىنتېرنېت- خۇدانىڭ خىتاي خەلقىگە قىلغان سوۋغىتى» دەپ يازغان. ئەمما ئىنتېرنېت خىتايدا ئومۇملىشىپ بولغىچە خىتاي كومپارتىيىسى توردىكى مەزمۇنلارنى سۈزۈش ۋە كونترول قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان پروگراممىلارنى بازارغا سېلىپ بولغان.  نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى خىتاي كومپارتىيىسىنى تەنقىدلەيدىغان ھەرقانداق مەزمۇنلار توردىن سۈزۈلۈشكە باشلىغان. بۇنىڭ ھەممىگە مەلۇملۇق تىپىك مىسالى بولسا، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ 2014 - يىلى قولغا ئېلىنىشى ھەمدە ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى بولغان.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور دۇنياسىنى كونترول قىلىشىدىكى يۇمشاق دېتاللىرىغا قارشى تەدبىر سۈپىتىدە تور ئابونتلىرى «مەۋھۇم خۇسۇسىي تور» (VPN) نى ئىجاد قىلغان بولسىمۇ، بۇ تېزدىن ھۆكۈمەتنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سانجى شەھىرىدە بىرەيلەن مۇشۇ خىلدىكى يۇمتالدىن بىرنى كومپيۇتېرىغا ئورنىتىۋالغاندا، دائىرىلەر ئۇنى «تېررورلۇق يۇمتالىنى چۈشۈرگەن» دەپ 15 كۈن سولاپ قويغان. بۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرىرەك، يەنى 2009 - يىلىدىكى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ھەتتا دائىرىلەر پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىدا بىر يىلغا يېقىن تور ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغان.

ئارىلىقتىكى دەم ئېلىشتا، بىز ئۇنىڭدىن خىتاي ئۆتكەن يىلى ماقۇللىغان «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىقلارنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قانداق رول ئوينىشى مۇمكىنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، سوفى رىچاردسون مۇنداق دېدى: « "تور بىخەتەرلىكى قانۇنى" ۋە "تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى" نى بىردەك شىنجاڭدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان پەۋقۇلئاددە مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىۋاتىدۇ، دەپ قارايمىز. چۈنكى، بۇ رايوندا ئۇچۇرلار قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتىدۇ، تىنچلىق شەكلىدىكى مىللىي كىملىكتە ئىپادىلەنگەن كۆز قاراشلارنى تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك خاھىشى دەپ شەرھىلەش ھازىر بەكمۇ ئومۇملاشقان بىر ھادىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.  شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇشۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا باياتىن سىز تىلغا ئالغان ئىككى تۈرلۈك قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشتىن كۆرە، ئەكسىچە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەنقىدلىرىگە ھەرقاچان " بۇ دېگەن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى" دەپ قوپاللىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. بۇ تولىمۇ بىمەنىلىك.  چۈنكى، باياتىنقى يىغىندا بىز مۇزاكىرە قىلغان كۆپلىگەن مۇلازىمەتلەرنى چەتئەللەردىكى ياكى خىتايدىكى خۇسۇسىي شىركەتلەر تەمىن ئېتىۋاتىدۇ. دېمەك تورغا مۇشۇنداق قاتتىق يوسۇندا سۈزگۈچ ئىشلىتىشنى سودا ئىشلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، دەۋېلىش قىلچە چەك باسمايدۇ. چۈنكى، دەل ئاشۇ سودا شىركەتلىرى سۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن تور دۇنياسىدا مۇناسىپ سورۇن ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ.»

بۇ باسقۇچلۇق مۇھاكىمىدە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ يەنە بىرى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركېلىي شۆبىسىنىڭ پروفېسسورى، ئامېرىكىدىكى «خىتاي رەقەملىك دەۋرى» تورىنىڭ ساھىبى شياۋ چياڭ نۇقتىلىق قىلىپ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيانقى ئىنتېرنېت دۇنياسىغا قارىتىلغان كونتروللۇق ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ئالىي ھوقۇقنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، پۈتۈن زېھنىنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇتلەق نوپۇزىنى تىكلەشكە قاراتقان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى بولسا، ئىدېئولوگىيە ۋە ئۇچۇر ساھەسىدە كومپارتىيەنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا مەركەزلەشكەن. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى شۇكى،   2014 - يىلى «مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» تەسىس قىلىنغاندا  شى جىنپىڭ  شەخسەن بۇ گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالغان.

ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي كومپارتىيىسى تورلارغا سۈزگۈچ قويۇش ھەمدە تەشۋىقاتنى بىۋاستە كونترول قىلىشنى ھەرقاچان ماس قەدەمدە ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. بۇ ھەرىكەتلەر بولسا ساقچىلارنىڭ خالىغان كىشىلەرنى تەكشۈرۈشى، خالىغان كىشىنى قولغا ئېلىشى ھەمدە خالىغان كىشىگە زەربە بېرىشىگە يول ئېچىپ بەرمەكتە. بۇ خىلدىكى سۈزگۈچ تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ياشلار قولغا ئېلىنغان، ھەتتا تېخى يېقىندىلا بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چەكلەنگەن ۋىدېيولارنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن.

بىز ئۇنىڭدىن، خىتاي ھاكىمىيىتى يولغا قويۇۋاتقان ئىنتېرنېت كونتروللۇقى  سەۋەبىدىن  ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەققىدە خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇنى تولىمۇ بىمەنە، شۇنداقلا ۋەھشىي بىر ھۆكۈم دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئىلھامنىڭ كۆپ قىسىم ماقالىلىرىنى مەن ئوقۇپ باققان. مېنىڭ نەزىرىمدە، ئۇ ئالدى بىلەن بىر مۇنەۋۋەر زىيالىي، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان بىر مۇنەۋۋەر زىيالىي ئىدى. ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى ھەمدە ئۆزى  باش بولۇپ «ئۇيغۇربىز» تورىنى قۇرۇپ چىققانلىقى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىش ھەمدە ئورتاق مەۋجۇت بولۇشنى نىشان قىلغان ئىدى. ئۇ ھېچقاچان قان تۆكۈشنى، باستۇرۇشنى ياكى زۇلۇمنى تەشەببۇس قىلمىغان ئىدى. مۇشۇنداق بىر سادا، مۇشۇنداق بىر زىيالىي ئەسلىدە قەدىرلىنىشى، ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر خەۋەردار بولۇشى، بۇ ھەقتىكى مۇزاكىرىگە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئىشتىراك قىلىشى لازىم ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇشۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە مۇئەييەن تەسىر پەيدا قىلىش زۆرۈر ئىدى. ئەمما ، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق بىر كىشىنى زىندانغا بەند قىلىۋەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا (ئىلھامغا)  قىلغانلىرىنى تولىمۇ بىمەنە ھەمدە ۋەھشىي بولغان  قىلمىش، دەپ قارايمەن.»

ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سارىيىدىن تەتقىقاتچى سارا كۇك  بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئاساسلىق قىلىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۇنيا ئاخبارات ساھەسىگە قانداق شەكىللەردە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تاشقى دۇنياغا، بولۇپمۇ ئامېرىكىغا قاراتقان ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇرۇشىدا، چەتئەللەردىكى خىتايلار ھەمدە خىتاي بولمىغان باشقا خەلقلەر ئوخشاشلا نىشان قىلىنماقتا ئىكەن. بۇ خىل تەسىر كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرى بولسا ئاساسەن خىتاي بىۋاستە مەبلەغ چىقىرىپ چەتئەللەردە تەسىس قىلغان ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىلىدىكەن. بۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى بىر جەھەتتە خىتاي دۆلىتىنى ئىجابىي تەسۋىرلەشكە كۈچ چىقارسا، يەنە بىر جەھەتتە خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئاخبارات ۋاستىلىرىنى سىقىپ چىقىرىش، ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، ھەتتا ئامېرىكىنى سەلبىيلەشتۈرۈشكە بەكرەك زېھىن قويماقتا ئىكەن. بۇنىڭدا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر يۈزلىنىش ‏- خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن چەتئەللەردىكى « بەش زەھەرلىك گۇرۇپپا» دەپ ئاتىلىدىغان تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، فالۇنگۇڭچىلار، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىغا قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشى قوزغاش ئىكەن.

بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىنتېرنېتقا قارىتىلغان كونتروللۇق ھەمدە پۇقرالارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىشنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: « شۈبھىسىزكى،  شىنجاڭدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى بىلەن ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ھەرقاچان بىر-بىرىگە زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋاللارنى چۆرىدىگەن تورلاردىكى سۈزگۈچ سەۋەبىدىن ھەرقاچان تاشقى دۇنيا، خىتايلار، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتە قانداق دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن بىخەۋەر قېلىۋاتىدۇ. ئەمدى بۇ جەھەتتىكى جازا ئىشلىرىغا كەلسەك، بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى يان تېلېفونلىرىدا بەزى ۋىدېيو ماتېرىياللىرىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇزۇن يىللاپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنماقتا. ھەتتا بەزىلەرنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بار. مۇشۇ مەسىلىلەر بويىچە قولغا ئېلىش ھەمدە جازالاش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوبېكتى بولغانلارنىڭ سان جەھەتتە ئاز ئەمەسلىكىدىن خەۋىرىمىز بار بولسىمۇ،  ئەمما تورلارغا قارىتىلغان سۈزگۈچنىڭ قاتتىقلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بىزگە نامەلۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان تور سۈزگۈچلۈكى سەۋەبىدىن ئۇچۇرلارنىڭ قامال قىلىنىشى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ جازالىنىشى ئوتتۇرىسىدا ھەرقاچان زىچ مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.»

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى باسقۇچلىرىدا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ سابىق ئىجرائىي تەھرىرى دەن سازىرلەند، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مارگارېت روبېرتس قاتارلىقلارمۇ مۇزاكىرىگە ئىشتىراك قىلدى. يىغىنغا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، ۋاشىنگتوندىكى بىر قىسىم ئەلچىخانا خادىملىرى ھەمدە ئالاقىدار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.