چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ياش: «ۋەتەنگە كېتىمەن»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.11.30
herbiy-saqchi-qoralliq-kuch-urumchi.jpg ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى شەھەرگە ھەربىي يۆتكىگەن ئاپتوموبىللار. 2013-يىلى 29-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
AFP

يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، چەتئەللەرگە چىقىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا بىردىنلا كۆپەيگەنلىكى ئېيتىلماقتا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرى ۋە رادىيومىزغا ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، بۇنىڭغا ئاتا-ئانىلارنىڭ جەمئىيەت بىخەتەرلىكىگە ئىشەنمەسلىكى، بالىلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە بولغان ئەندىشىلىرى ئاساسلىق سەۋەب بولغان.

ئاتا، ئانىسى شۇ نىيەتتە بىر ئاماللارنى ئىزدەپ چەتئەللەرگە چىقارغان، 6 يىلدىن بۇيان شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ياش نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن، ئۆزىنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلدى ۋە چەتئەلدىكى ئەركىنلىكنىڭ ئۆزىگە كىملىكىنى تونۇش پۇرسىتى بەرگەنلىكىنى ۋە يېقىندىكى ۋەتەن زىيارىتىدىن كېيىن «ياخشى بىلىم ئىگىلەپ ۋەتەنگە چوقۇم قايتىپ كېتىمەن» دېگەن قارارغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بۇ ئۇيغۇر ياش بىلەن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.