دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.11.28
Takashi-Nagao-dolqun-eysa.jpg د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى تاكاشى ناگائو ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2017-يىلى 27-نويابىر، ياپونىيە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىدىن كېيىنلا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 24-نويابىر كۈنىدىن 28-نويابىر كۈنىگىچە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى. ياپونىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەكلىپكە بىنائەن ياپونىيەگە بارغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى تاكاشى ناگائو، پارلامېنت ئەزاسى، ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى رەئىسى فۈرۇيا كېىجى ئەپەندى، ياپونىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتا ئەزاسى ئەرىكو ياماتانى خانىملار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن سىرت، بۇندىن كېيىنكى ھەمكارلىق توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. بىز بۇ زىيارەت توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتىنى ياپونىيەگە ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىم ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ياپونىيە قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغانلىقىنى، 27-نويابىر كۈنى توكيودا مەزكۇر مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا پارلامېنت ئەزاسى، ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى رەئىسى فۈرۇيا كېىجى ئەپەندى باشچىلىقىدىكى كۆپ ساندا سىياسەتچىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ بۇندىن كېيىن قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى. 

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 24-نويابىر كۈنىدىن 28-نويابىر كۈنىگىچە ياپونىيەگە ئېلىپ بارغان قىسقا زىيارىتى جەريانىدا ياپونىيەدىكى ساكۇرا تېلېۋىزىيىسىگە ئوخشاش ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ۋاقتى قىسقا بولغان بولسىمۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى. 

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى بىلەن بۇندىن كېيىن قانداق ھەمكارلىشىش توغرىسىدا مۇھىم مۇزاكىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ يىل قۇرۇلغانلىقىغا 20 يىل بولغان ياپونىيە قۇرۇلتىيى بۇ 20 يىل جەريانىدا ياپونىيەنىڭ مىللىي مەنپەئەتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ياپونىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىنى، ياپونىيە خەلقىگە چۈشەندۈرۈش، ياپونىيە مەنپەئەتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان، ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شۆبىلىرى بار ئاممىۋى سىياسىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ، كېيىنكى 10 يىلدىن بېرى ياپونىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغىمۇ كۆپ ياردەم قىلغان. ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.