د ئۇ ق ۋە باشقا دۆلەت ۋەكىللىرى جەنۋەگە جەم بولدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.03.10
rabiye-jenwe-bdt-soz-qilmaqta-305.jpg رابىيە قادىر خانىم ب د ت چاقىرغان 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى. 2011-يىلى نويابىر، شۋېتسارىيە.
RFA/Erkin Tarim

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ جەنۋەدىن خەۋەر قىلىشىچە،2013 - يىلى 3 - ئاينىڭ 11 - 14 - كۈنلىرى شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلىدىغان «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبى موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئازادلىققا قارىتىلۋاتقان خىرىسلار» ناملىق مەخسۇس خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر جەنۋە شەھىرىگە جەم بولدى.

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، د ئۇ ق بىلەن بىرگە دۇنيا خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق ساھىبخانلىق قىلىشى ھەم ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ماددى قوللىشى ئاستىدا ئۆتكۈزىلىدىكەن.

يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن 10 - مارت كۈنى ۋەكىللەر جەنۋە شەھىرىدە شىۋېتسارىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشى ۋە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىن جەريانىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىسلەر ۋە غەربلىك سىياسىي ئەربابلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيە ۋە خىتايدىكى سىياسى، ئىجتىمائىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.

تەپسىلاتىنى ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭلار

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.