ميۇنخېن تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.07.24
germaniye-qoralliq-hujum-olimpiye-soda-rayoni-3.jpg ميۇنخېن شەھىرىنىڭ ساقچى قوراللىق ھۇجۇم مەيدانىدا
RFA/Ekrem


22 - ئىيۇل ميۇنخېندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 10 ئادەم ئۆلۈپ، 27 ئادەم يارىلانغان، ۋەقەنى 18 ياشلىق ئىران نەسىللىك بىر گېرمان پۇقراسى سادىر قىلغان، ئۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۆلگەن.

ميۇنخېن شەھىرىنىڭ ساقچى باشلىقى ھۇبەرتۇس ئاندرېنىڭ بۈگۈن سەھەر بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 22 - ئىيۇل كەچ سائەت 6:35 مىنۇت ئۆتكەندە شەھەر مەركىزىدىن 7كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئولۇمپىيا سودا مەركىزىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋەقەسىدە قاتىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىلگىرى - كېيىن 10 ئادەم ئۆلگەن 27 ئادەم يارىلانغان 11 ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر. ۋەقە سادىر قىلغۇچى 18 ياشلىق ئىران نەسىللىك ياش، ۋەقەدىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق يىپ ئۇچى يوق.

ئولۇمپىيا سودا مەركىزى
ئولۇمپىيا سودا مەركىزى
RFA/Ekrem

بۇ ۋەقە پۈتۈن گېرمانىيەنى لەرزىگە سالدى. ميۇنخېن شەھىرىدە 22 - ئىيۇن كەچ سائەت 6:35 دىن باشلاپ يېرىم كېچىگىچە ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلدى. قانچە 10 مىڭلىغان پۇقرا قامىلىپ قالدى. مىڭلارچە ساقچىدىن سىرت، مەخسۇس تېررورغا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، دوختۇرلار، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋەقەنى بېسىقتۇرۇش، قاتىللارنى تۇتۇشقا سەپەرۋەر قىلىندى. شەھەرنىڭ پۈتۈن قاتناش لىنىيىلىرى قامال قىلىنىپ، مەركەزدىكى ئونمىڭلىغان ئادەم ئاۋارىچىلىكلەرگە ئۇچرىدى. ساقچى تەرەپ ۋەقە يۈز بېرىپ 3 سائەتتىن كېيىن «ۋەھشىي تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، بۇ ۋەقەنى كىمنىڭ سادىر قىلغانلىقى بېكىتىلگەندىن كېيىن، بۈگۈن بۇ گەپلەرنى قايتۇرۇۋالدى.

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئېغىر ۋەھىمىگە 18 ياشلىق ئىران نەسىللىك بىر ياشنىڭ ھۇجۇم ۋەقەسى سەۋەب بولۇش بىلەن بىرگە، يامىنى ساقچى تەرەپكە يەتكۈزۈلگەن خاتا مەلۇماتلار سەۋەب بولغان. ساقچى تەرەپ پۇقرالاردىن مۇنداق 3 تۈرلۈك خاتا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغان: 1 - خاتا ئۇچۇر، «قاتىللار جەمئىي 3 كىشى. ئۇزۇن ستوللۇق قوراللار بىلەن قوراللىنىپ كىشىلەرنى ئوققا تۇتتى.» 2 - خاتا ئۇچۇر، «مەريەم مەيدانى، ستاھۇس مەيدانلىرىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرمەكتە.» 3 - خاتا ئۇچۇر، «مەركىزى ۋوگزال ئەتراپىدا قوراللىق ئېتىشىش بولدى.»

مەلۇم بولۇشىچە، مانا بۇ خاتا ئۇچۇرلار 4 - خاتالىقنىڭ كېلىپ چىشىغا سەۋەب بولدى. ساقچىلار جىنايەتچىلەرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى، ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، يەنە بىر جايدا ۋەقە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ كەتتى.

«N24» ۋە «جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى» قاتارلىق قاناللارنىڭ بۈگۈنكى مەلۇماتلىرىدا تىلغا ئېلىنىشىچە، ئۆزلىرىنى «نەق مەيداننى كۆزى بىلەن كۆگەن گۇۋاھچى» قىلىپ تونۇشتۇرغان كىشىلەرنىڭ بەرگەن بۇ خاتا ئۇچۇرلىرى ميۇنخېن شەھىرىدىكى پۈتۈن ھاكىمىيەت قوراللىق كۈچلىرىنى قوزغاپلا قالماستىن، قوشنا ئۆلكىلەردىنمۇ ياردەمچى كۈچلەرنى يۆتكەشكە سەۋەب بولغان. شەھەرنى 5 سائەتتىن ئارتۇق ۋەھىمە قاپلىغان. بولۇپمۇ، ئادەم دېڭىزى ئۆركەشلەيدىغان، شەھەرنىڭ قايناق سودا مەركىزى بولغان مەريەم مەيدانى، ستاھۇس مەيدانى ھەمدە مەركىزى پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدا تېررور ھۇجۇمىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى خاتا مەلۇمات، شەھەرنىڭ پۈتۈن قاتناشلىرىنى ئۈزۈپ، قانچە ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ سودا سارايلىرى، ئىدارە - ئورگانلار، رېستورانلار قاتارلىق جايلارغا قېچىپ كىرىپ پاناھلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاساسىي كۈچلىرىنى مۇشۇ جايلارغا مەركەزلەشتۈرگەن. چۈنكى، بۇ جايلاردا ۋەقە يۈز بەرسە، ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىلىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇىشى مۇمكىن ئىدى. ساقچىلارمۇ تېلېۋىزورلاردا توختىماي كىشىلەرنى كوچىلارنى تەرك ئېتىشكە، ئۆيلىرىدىن چىقماسلىققا دەۋەت قىلىپ، ئەندىشىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن.
ئولۇمپىيا سودا مەركىزى
ئولۇمپىيا سودا مەركىزى
RFA/Ekrem

ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدىكى د ئۇ ق خىزمەت بىناسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى، قەشقەر رېستورانى، تەڭرىتاغ رېستورانى قاتارلىق جايلارمۇ 22 - ئىيۇلدىكى بۇ ۋەھىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.

بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 22 - ئىيۇل كەچ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئوق ئاۋازلىرىدىن ئۈركۈپ، قۇرۇلتاي ئىشخانىسىغا قېچىپ كىرگەنلىكىنى، تاكى ساقچى تەرەپ ۋەقەنىڭ بېسىققانلىقىنى بىلدۈرگۈچە د ئۇ ق بىناسىدا پاناھلىنىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەركىزى پويىز ئىستانسىسى يېنىدىكى «تەكلىماكان ئۇيغۇر رېستورانى» نىڭ خوجايىنى رەيھان خانىممۇ 22 - ئىيۇل كەچ نۇرغۇن كىشىنىڭ بۇ رېستوراندا پاناھلانغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

مەركىزى پويىز ئىستانسىسىغا يېقىن بولغان «قەشقەر ئۇيغۇر رېستورانى» خوجايىنى غەيرەت ئەپەندىمۇ، 22 - ئىيۇل كەچ بۇ رېستوراننىڭ كۆپلىگەن كىشىلەرگە پاناھگاھ بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

«تەڭرىتاغ ئۇيغۇر رېستورانى» خوجايىنى گۈلنار خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ۋەقە ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

نەتىجە ئېتىبارى بىلەن، بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ بىرلا ئورۇندا يۈز بەرگەنلىكى، بىرلا كىشىنىڭ سادىر قىلغانلىقى، ھەر خىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تۈنۈگۈندىن بېرى تىلغا ئېلىنغان نۇرغۇن مەلۇماتلارنىڭ خاتالىقى بۈگۈن ئاشكارىلاندى. ۋەقەدە ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ميۇنخېن شەھىرىدە نورمال ھايات ئەسلىگە كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.