گو ۋېنگۈينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان سۆزى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.10.06
go-wenguy-guo-wengui.jpg خىتاي سودىگەر گو ۋېنگۈي. (تارتىلغان ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
ئۆزى تەمىنلىگەن

ھازىر ئامېرىكىدا سىياسىي پاناھلىق تىلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي مىلياردېرى گو ۋېنگۈي يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بېرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق سۆز قىلىپ، خىتايدىكى چوڭ ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكىگە ئائىت مەخپىي ئىشلارنى ئاشكارىلىغان ھەمدە ئۆزىدە مۇھىم ماتېرىياللار بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكىدا دىققەت قوزغاشقا باشلىغان بۇ شەخس تۈنۈگۈن تۇنجى قېتىم «دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى» دا مۇخبىرلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ سۆز قىلغاندا يەنە بۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئائىت نۇرغۇن مۇھىم ماتېرىياللار بارلىقىنى، ئۆزىدىكى بۇ ماتېرىياللار راست بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلىشقا كۆپ قېتىم ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. 

بۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى قاتارىدا ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ، گو ۋېنگۈيدىن ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغان. گو ۋېنگۈي بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىمەن. ئۇ يەردىكى ئىشلارنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىمەن. چۈنكى خىتايدا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان ھەم شۇنداقلا شىنجاڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ما جىيەن مېنىڭ يېقىن دوستۇم ئىدى. ئۇ ماڭا شىنجاڭ توغرۇلۇق نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى ئېيتىپ بەرگەن. قىسقىسى، ئۇ يەردىكى ئەمەلىيەت چەتئەل ئاخباراتلىرىدا ئاشكارىلىنىۋاتقاندىن ۋە پەرەز قىلىنغاندىن كۆپ ئېغىر،» دېگەن. 

گو ۋېنگۈي يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ما جىيەن 2006-يىلىدىن بۇيان خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى. جۇۋ يوڭكاڭ بىلەن بولغان يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان ما جيەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش» دەپ ئاتىۋالغان ھەرىكىتى داۋامىدا يىقىلغان ئەمەلدارلارنىڭ بىرى. ئۇ، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا تەپتىش ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. ئۇنداقتا، گو ۋېنگۈي ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىشى مۇمكىن؟ ئامېرىكا مارىيلاند ئىشتاتىدىكى فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ما خەييۈن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گو ۋېنگۈي خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئاتاۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىشى مۇمكىن. ما خەييۈن ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئەگەر گو ۋېنگۈي ما جىيەننى تىلغا ئالغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تېررورچى› دەپ ئۆلتۈرگەنلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى بىلىشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچى دەپ ئۆلتۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىز ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇرىنى بىلمەيمىز. مەسىلەن، بايدىكى كۆمۈر كان ۋەقەسىنى ئېلىپ ئېيتساق، خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن كىشىلەرنى بىر ئۆڭكۈرگە سولاپلا ئۇلارنى ‹تېررورچى› دەپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئەمما ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىملىكىنى، ئۇلارنىڭ يېشىنى، جىنسىنى ئاشكارىلىمىدى. ھېچكىم ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن ‹تېررورچى› ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيدۇ. مەنچە، گو ۋېنگۈي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ‹تېررورلۇق ۋەقەسى› دەپ ئىلگىرى سۈرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلىشى مۇمكىن.» 

دەرۋەقە، گو ۋېنگۈي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئائىت مۇھىم ھەقىقەتلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە شىنجاڭ ۋە تىبەتكە مۇناسىۋەتلىك بىلىدىغان ئەھۋاللىرىمنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەتكە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى ئاشكارىلايمەن. بۇنى ئاشكارىلاش بەك مۇھىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ رايونلاردا قىلىۋاتقىنى ئىنسانلىققا خىلاپ. بۇنى چوقۇم ئاشكارىلىشىم كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بۇ ئەھۋاللارنى ئامېرىكا تەرەپ چۈشىنىپ، ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ،» دېگەن. 

ما خەييۈن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گو ۋېنگۈي ئەگەر ھەقىقەتەن ئۇ يەردىكى تېررورلۇقنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلىسا، بۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن تېررورلۇق مەسىلىسىدە ئورتاقلاشماسلىقى ئۈچۈن پايدىلىقلىقىنى ئېيتتى. ما خەييۈن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھازىر مېنىڭ بىلىشىمچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن تېررورلۇق مەسىلىسىدە ھەمكارلىششقا ئۈندەپ مەخسۇس لوبىچىلىق قىلىۋاتقان گۇرۇپپىلار بار. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي بىلەن تېررورلۇقتا ھەمكارلىشىشتا دىققەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بەزى خۇسۇسىي ھەمكارلىشىشلارمۇ يوق ئەمەس. شۇڭا ئەگەر گو ۋېنگۈي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بېرەلىسە، بۇ ھالدا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن تېررورلۇق مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشىغا زور رىقابەت پەيدا قىلىدۇ. ئۇ ھالدا ترامپ ھۆكۈمىتىگە سەن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتقان بىر ھۆكۈمەت بىلەن قانداق ھەمكارلىشىسەن دېگىلى بولىدۇ. شۇڭا مەن بۇنى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن.» 

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندىمۇ دۇنيا مەتبۇئاتلىرى دىققەت قىلىۋاتقان گو ۋېنگۈيدەك بىر شەخسنىڭ مەيلى قانداق مەقسەت بىلەن بۇ يەرگە چىقىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى پاش قىلىۋاتقانلىقىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ يەردىكى زۇلۇمنى ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىشى ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گو ۋېنگۈي خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى قاتلام بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار بىرى بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە بىلىدىغانلىرى پەقەت يۇقىرىدىكىلەر بىلەنلا چەكلەنمەسلىكى مۇمكىن. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىل تۇرۇپ «يەرلىك پادىشاھ» دەپ نام ئالغان سابىق سېكرېتار ۋاڭ لېچۈەننىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئورگان تىجارىتىنىڭ قۇربانى قىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدىمۇ نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى بىلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.