رابىيە قادىر خانىم ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى 4 ئۇيغۇر تۇتقۇن مەسىلىسىدە سەزگۈر ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.09.18
rabiye-yaponiye-doklat.jpg د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە زىيارىتىدە مۇخبىرلارنى قوبۇل قىلىش يىغىنىدىكى نۇتقىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 20-ئىيۇن، توكيو.
AFP

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تۈنۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھىندونېزىيەدىكى ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى تەرەپدارلىرى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تېررورلۇق گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئۇيغۇرلار ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلىتىنىڭ شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن رابىيە خانىم، ئۇيغۇرلاردا بۇنىڭدىن باشقا بىر غايە ئېقىمىنىڭ بولۇشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تىلغا ئالدى.

رابىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، ئەگەر تۇتقۇنلارنىڭ راستىنىلا غەيرىي مىللىي بىر تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئىسپاتلانسا، بۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بارلىق يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. شۇڭا رابىيە خانىم ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال ۋەزىيىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىققا ۋە 4 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە دەۋەت قىلدى.

سوئال: خەلقئارا ئاخباراتلاردا 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھىندونېزىيەدىكى ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى تەرەپدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىش داۋامىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە تېررورلۇق گۇمانى بىلەن ھىندونېزىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتىدۇ. ۋەقەنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كۆزىتىۋاتامدۇ، بولسا، ئىنكاسى نېمە؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەم تەئەججۈپلەندۇق، ھەم ئەپسۇسلاندۇق ۋە ئىشنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىۋاتىمىز. ئالدى بىلەن ۋەقە ھەققىدە ئەسكەرتىدىغىنىمىز، ئۇيغۇر خەلقى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقىنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى. مەن خەلقىمىز ئىچىدە بۇنىڭدىن باشقا غايىدىكى گۇرۇپپىلارنىڭ بارلىقىنى تەخمىن قىلمايمەن. ئەگەر شۇ 4 نەپەر تۇتقۇننىڭ راستىنىلا، بىر غەيرىي مىللىي تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئىسپاتلانسا، بۇ خۇددى دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدە ئىراق-شام دۆلىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى تېپىلغاندەكلا شەخسىي بىر تاللاشكى، ئۇ ھەرگىز خەلقىمىز ئىچىدىكى مەلۇم گۇرۇپپىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ؛ بۇ پەقەت ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بارلىق يول ۋە چارىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى، دۇنيا مانا بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

سوئال: ئەگەر، گۇمان قىلىنىۋاتقان مۇناسىۋەت راست بولۇپ چىقسا، بۇنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتتىكى جىددىيلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ قارامسىز؟
جاۋاب: شۇنداق. چۈنكى دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىق-ئازادلىق كۈرىشى داۋامىدا، بولۇپمۇ ئاجىز ۋە چارىسىز ئەھۋالدا قالغان چاغلىرىدا، دۇنيادىكى ئوخشىمىغان گۇرۇھلاردىن مەدەت كۈتكەن ۋە ئۇلاردىن پايدىلانغان. ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بىزدىن (چەتئەلدىكى تەشكىلاتلاردىن)، ئامېرىكىدىن، مۇسۇلمان ئەللىرىدىن ياردەم كۈتۈپ باقتى، ئەمما كۈتكەن ياردىمىگە ئېرىشەلمىدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يەكەن ۋەقەسىدە قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەن بولسىمۇ، قول تىقىدىغان، پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانمۇ دۆلەت چىقمىدى. شۇڭا مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىر نەچچە كىشىلەر ياردەم ئۈمىدىدە بولۇپ قالغان بولسا، بۇ ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيىتى ئالاھىدە كۆزدە تۇتۇلۇشى كېرەك.

سوئال: ئىشنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ئەندىشە قىلىۋاتقان نۇقتاڭلار قايسى؟
جاۋاب: خىتاي بۇ ئىشتا يەنە پۇرسەتپەرەستلىك قىلىشى، ۋەقەنى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېررورلۇققا باغلاشقا يەنە ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. شۇڭا بىز ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، ۋەقەنى مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز ھالدا تەكشۈرۈشىنى، بۇ ھەقتىكى خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماسلىقىنى، ئۇيغۇرلاردەك ئېزىلىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ بۇ ئىشتا يەنە كوللېكتىپ جازاغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، مەسىلىنى تەكشۈرۈش بىر تەرەپ قىلىشتا سەزگۈر ھەم مەسئۇلىيەتچان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

سوئال: ھىندونېزىيە تەرەپكە سۇنماقچى بولغان كونكرېت بىر تەلىپىڭلار بارمۇ؟
جاۋاب: تەخمىن قىلالايمىزكى، خىتاي دائىرىلىرى 4 نەپەر گۇماندارنى قايتۇرۇپ ئەكېتىشنى تەلەپ قىلىشى، ئۇلارنى ئېغىر جازالاش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى يەنە دۇنيانىڭ ئادالىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. شۇڭا ھىندونېزىيەنىڭ ھەرقانداق ئەھۋالدا، بۇ 4 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز. ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، خىتاينىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا قارىتا نارازىلىق نامايىشى ئەڭ دەسلەپتە ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن. ئۇيغۇر خەلقى ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ بۇ ئىنسانپەرۋەر مەيدانى ۋە ياردىمىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ. بىز ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ مەسىلىدە ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ زالىمغا ئەمەس، مەزلۇمغا يان بېسىش ئەنئەنىسى بويىچە ئىش تۇتۇشىنى كۈتىمىز.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرىمىزنىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.