فرانسىيەدىكى سودىگەر جۈرئەت: «راست گەپلىرىم خىتايدىن مەنپەئەتلىنىۋاتقان كىشىلەرنى بىئارام قىلدى»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.11.03
Fransiyidiki-Uyghur-sodiger-Juret-Jumahun.jpg فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر سودىگەر جۈرئەت جۈمەخۇن. فىرانسىيە، (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
Özi teminligen

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىملىرى بارغانچە كۈچەيگەن بىر ۋەزىيەتتە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن غەرب دۆلەتلىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەر خىل بېسىم ۋە تەھدىتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇ سەۋەبلەردىن چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزى ۋە ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن ئەنسىرەش پسىخىكىسى كۈچەيگەن. چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يۇقىرىقى تۈرلۈك سەۋەبلەردىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائىتىدىن يىراقلىشىپ، يېگانە ياشاش، خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا ئائىت خەۋەر-ئۇچۇرلارغا ئىنكاس قايتۇرماسلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى تەنقىتلىگۈچىلەردىن نارازى بولۇش، ھەتتا ئۇلارنى توسۇشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىدا بولۇۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئالدىنقى ھەپتە رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىتلىگەن فىرانسىيەدىكى زىبۇ-زىننەت لايىھىلىگۈچىسى ۋە سودىگىرى جۈرئەت ئەپەندى، بۈگۈن يەنە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە كەلگەن ئىنكاسلارغا جاۋاب قايتۇردى. ئۇ، ئۆزىگە كەلگەن زور بىر قىسىم ئىنكاسلاردا ئۇنى قوللاش كەيپىياتى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا تېلېفون ياكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى ھەتتا ئۇنى داۋاملىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىشتىن توسقانلىقىنى بىلدۈردى.

جۈرئەت ئەپەندى، ئەركىن، دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاپ تۇرۇقلۇق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىدىن قورققان ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل قورقۇش كەيپىياتىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يەنىلا ئۈمىد كۈتۈۋاتقانلىقى ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىدىغان مەنپەئەتتىن ۋاز كېچەلمىگەنلىكتىن ئەركىن، دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاپ تۇرۇقلۇقمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت ۋە سۆز-ھەرىكەتلەردىن راھەتسىز بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.