دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاسون كەنني ھۆسەنجان جېلىل ئائىلىسىگە رامزانلىق سالام يوللىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2015-06-24
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
«دىنىي ئەركىنلىك ۋە كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت» دېگەن تېمىدا ئىپتارلىق پائالىيەتتىن بىر كۆرۈنۈش
«دىنىي ئەركىنلىك ۋە كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت» دېگەن تېمىدا ئىپتارلىق پائالىيەتتىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Ruqiye


6 - ئاينىڭ 22 كۈنى «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى» «بىر دۇنيا ئەركىنلىك تەشكىلاتى» بىلەن بىرلىشىپ كانادا پارلامېنت بىناسىدا«دىنىي ئەركىنلىك ۋە كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت» دېگەن تېمىدا ئىپتارلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاسون كەنني خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن ئالدىراش بولۇشىغا قارىماي ئىپتار ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ كېلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى ۋە بۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي تەرىپىدىن مۇددەتسىز كېسىلگەن ھۆسەنجان جېلىل ئائىلىسىدىن ھال سورىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:«ھۆسەنجان جېلىل كاناداغا پاناھلىق تىلەپ پۇقرالىق ئالغان ئۇيغۇر ئىدى. ئۇ پاسپورتىنى ئېلىپ 3 - 4 يىلدىن كېيىن ئۆزبېكىستانغا بارغىنىدا خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ مۇددەتسىز كېسىلدى. بىز ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ھەق ھوقۇقىنى كۈچلۈك قوغدايمىز. ئۇنىڭ ئايالى تۆت بالىسى بىلەن قالدى. مەن رامزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە چوڭقۇر سالام يوللايمەن.»

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاسون كەنني
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاسون كەنني Photo: RFA

مىنىستىر جاسون ھۆسەنجان جېلىل ئائىلىسىگە سالام يوللاش بىلەن بىرگە رامزان ئېيىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ، روزى تۇتۇشنىڭ ئىنسانلارنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن چېنىقتۇرىدىغان ئىنتايىن ياخشى بىر ئادەت ئىكەنلىكىنى، خرىستىئان بولۇش سۈپىتى بىلەن خرىستىئانلارنىڭ پەقەت بەزى تاماق تۇرلىرىدىن ئۆزىنى تارتىپ تۇتىدىغان روزىسىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ مۇكەممەل ۋە قاتتىق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار گەرچە كانادادا ناھايىتى كىچىك بىر توپ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي غۇرۇرى خىتاي تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقاچقا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇق دەۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان ھەر قېتىملىق يۇقىرى قاتلام كۆرۈشۈشلىرىدە ۋە خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ھۆسەنجان مەسىلىسىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆسەنجان جېلىل مەسىلىسىنى خەلقئارا تېررورىزم بىلەن باغلاپ يالغان پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ كانادانىڭ ئېغزىنى تۇۋاقلاپ كەلمەكتە.

مىنىستىر جاسون ھۆسەنجان جېلىل قولغا ئېلىنغاندا باش مىنىستىرغا كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ كېيىن پۇقرالار ۋە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىكىگە تەيىنلەندى.

ئۇ ھۆسەنجان جېلىل مەسىلىسى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان مىنىستىر. ئۇ ھازىر كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئۈچۈن كانادا پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۇنىڭ بىۋاسىتە ۋەزىپىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.

شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى كانادادا تۇرۇشلۇق ئەخمەتجان ئوسمان ئۇنىڭ ھۆسەنجان جېلىلنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى:«مەن كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جاسون كەننينىڭ ھۆسەنجان جېلىلنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ ساق سالامەت ئەركىنلىككە چىقىپ قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت