كانادا خۇاۋېي شىركىتىدە ئىشلەيدىغان 3 نەپەر خىزمەتچىنىڭ دائىملىق ئىقامەت تەلىپىنى رەت قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2016.06.20
hua-wei-xua-wey-shirkiti.jpg خۇاۋېي تېخنولوگىيە چەكلىك شىركىتى نەنجىڭ شۆبىسى. 2011-يىلى 5-سېنتەبىر، نەنجىڭ.
Imaginechina

كانادادا چىقىدىغان يەر شارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتى شۇنداقلا جەنۇبىي جۇڭگو پوچتىسى گېزىتىنىڭ يېقىندا تارقاتقان خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى جاسۇسلۇق، تېررورلۇق شۇنداقلا دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئەندىشىسى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ كانادادىكى ئەڭ چوڭ تېلېگراف شىركىتى ھېسابلانغان خۇاۋېي شىركىتىدە ئىشلەيدىغان 3 كىشىنىڭ دائىملىق ئىقامەت تەلىپىنى رەت قىلغان.

خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركىتى خۇاۋېي، 2008-يىلىدىن ئېتىبارەن كانادادا ئىش باشلىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان ئەقىللىق تېلېفون ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى ھېسابلىنىدۇ. خۇاۋېي شىركىتى 2012-يىلىدىن ئېتىبارەن ئىنتېرنېت ئۇچۇر جاسۇسلۇقى گۇمانى بىلەن دۇنيا كۈنتەرتىپىدە يەر ئېلىپ كېلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى مۇلازىمىتىگە چەكلىمە قويغان.

ئەمما، كانادا تەرەپ ئامېرىكا ۋە كانادا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، خۇاۋېي شىركىتىنى كانادا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە شۇنداقلا ئىش ئىمكانىيەتلىرىنى ئېچىشقا تۆھپە قوشتى دەپ ماختاپ كېلىۋاتقان ئىدى.
خۇاۋېي شىركىتى مەسىلىسى، كانادادىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ستېۋېن خارپېر باشچىلىقىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنى، كانادانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان خۇاۋېيغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەردى دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. يېڭى دېموكراتىك پارتىيەنىڭ باشلىقى توم مۇلكېر ئەنە شۇنداق ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرى، ئۇ كانادا پارلامېنتىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرى خۇاۋېي شىركىتىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە جىددىي تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىق ئەندىشىسى بىلەن تاقاش قارارى چىقاردى، ئەمما نېمە ئۈچۈن كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتى بۇنداق بىر قارارنى رەت قىلىدۇ» دېگەن ئىدى.

كانادا دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرى گرەگ ۋەستون خۇاۋېي شىركىتى ھەققىدە 2012-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل خەۋەر يېزىپ كېلىۋاتقان مۇخبىرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەش بۇرجەكلىك بىنا، فبى، چىا، د/لەت بىخەتەرلىك ئىدارىلىرى، ئاقساراي، ئامېرىكا پارلامېنتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خۇاۋېي ئۈچۈن قىزىل چىراغ ياققان.» ئەمما گرەگنىڭ قارىشىچە، كانادا تەرەپ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالمىغان.

مۇخبىر گرەگ خۇاۋېي شىركىتى ھەققىدە، ئامېرىكىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋەن كلېۋنى زىيارەت قىلغان. ۋەن كلېۋ، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش قىسقا فىلىمىدىكى ئۇچۇۋاتقان قاناتلىق تۇلپارنى سىمۋوللۇق ئوخشىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «خۇاۋېي شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتى، ھەتتا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سىرلىق جاسۇسلۇق تۇلپىرى بولۇشى مۇمكىن. خىتاي بىر پارتىيەلىك دىكتاتور بىر دۆلەت خۇاۋېي بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىر شىركەت، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئوتتۇرىدا ئېنىق، خۇاۋېي شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلىپ چىقىمەن دېگەن تەقدىردىمۇ ئايرىلىپ چىقالمايدۇ.»

ۋەن كلەۋېس يەنە، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ، خۇاۋېينىڭ ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ سىرلىرىنى ئوغرىلاش ئۈچۈن تېلېگراف ئۇچۇرلىرى يوللايدىغان ئارقا ئىشىك بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، بۇ خەلقئارالىق بىر ئۇچۇر ئۇرۇشىغا، ھەتتا ئەسكىرى ھەرىكەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە جىددىي ھالەتتە خىتاي ئۇچۇر ئالاقە جاسۇسلۇقىنىڭ، بارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىلىرىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە خىتاي، ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئامېرىكىغا جاسۇسلۇق تەھدىتى سېلىۋاتقان 1-نومۇرلۇق دۆلەت دېگەن.

ئەمما، مۇخبىر گرەگنىڭ قارىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا ۋە كانادا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، خۇاۋېي شىركىتىگە قىزىل گىلەم سېلىپ كەلگەن. ئۇ ك ب ك گە بەرگەن خەۋىرىدە، سابىق كانادا باش مىنىستىرى ستەۋەن خارپېر خىتايغا بارغاندا خۇاۋېينىڭ كاناداغا قوشقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇندىن باشقا ئونتارىئو ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقلىرىمۇ خۇاۋېي شىركىتىنى زىيارەت قىلىپ ئۇلار بىلەن قول سىقىشقان. مۇخبىر گرەگنىڭ قارىشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى خۇئاۋېيدىن سىياسەت ئۈچۈن پايدىلانغان.

يەر شارى ۋە مەكتۇپلار گېزىتى ۋە جەنۇبىي جۇڭگو پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قارارنى كانادانىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق كۆچمەنلەر ئىدارىسى چىقارغان بولۇپ، بۇ ئورگان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خېتىدە، خۇاۋېي شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بىر خىزمەتچىنىڭ جورىسىنىڭ كانادادىكى ئىقامەت تەلىپىنى كۆچمەنلەر ۋە سىياسىي پاناھلىق قانۇنىنىڭ 34- ماددىسىغا ئاساسەن رەت قىلغانلىقىنى، رەت قىلىش سەۋەبىنىڭ جاسۇسلۇق، تېررورلۇق ۋە دۆلەتكە خەۋپ يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

كانادادىكى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇاۋېي شىركىتى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىقامەت تەلىپىنىڭ جاسۇسلۇق، تېررورلۇق ۋە دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىق گۇمانلار بىلەن رەت قىلىنغانلىقى، كانادانىڭ تۇنجى قېتىم خۇاۋېي شىركىتىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.