خىتاي كۇردىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى خالامدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-09-27
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
كۇردلار ئولتۇراقلاشقان رايونلار.
كۇردلار ئولتۇراقلاشقان رايونلار.
Wikipedia

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇردىستان رايونى 25-سېنتەبىر كۈنى رېفېرېندۇم، يەنى ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش ئېلىپ بېرىپ، كۇردىستان ئىراقتىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بىر دۆلەت بۆلىشى كېرەكمۇ ياكى ئىراق دۆلىتى قارمىقىدا تۇرۇۋېرىشى كېرەكمۇ دېگەنگە قارار بەردى. ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، دۈشەنبە كۈنىدىكى رېفېرېندۇم، يەنى ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش ئىراق شىمالىدىكى كۇردىستان رايونىغا تەۋە 3 ۋىلايەت ھەم شۇنداقلا نۆۋەتتە كۇردىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان كەركۈك قاتارلىق رايونلاردا ئېلىپ بېرىلغان. رېفېرېندۇمغا خەلق قىزغىن ئاۋاز قوشقان بولۇپ، ئاشكارىلانغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن رېفېرېندۇمغا قاتناشقۇچىلارنىڭ 92 پىرسەنتىنىڭ مۇستەقىل بولۇشنى تاللىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، گەرچە بۇ رېفېرېندۇم خەلقئارادا ھېچقانداق قانۇنى بىر كۈچكە ئىگە بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ كۇردلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق مۇستەقىللىق داۋاسى ئۈچۈن مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ شۇنداقلا كۇردلارنىڭ باغدات ھۆكۈمىتىگە قارشى قوللىنىدىغان بىر كوزىرى بولۇپ قالىدىكەن.

بۇ رېفېرېندۇم خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاش بىلەن بىرگە ئىران، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغان بۇ رېفېرېندۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئەردوغان ئەگەر كۇردىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى داۋام قىلسا، رايون بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىلىرىنى ئۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «رېفېرېندۇم رايوندا مۇقىمسىزلىق يارىتىپ، كۇردىستان رايونى ۋە خەلقىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ، دەپ قارايمىز» دېدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۇردىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ ئاتالمىش «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» غا كۈرەش مۇناسىۋىتى بىلەن كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» غا قارشى قىلغان ئۇرۇشى سەۋەبلىك زور كۈچ قازانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ مۇستەقىللىق چۈشىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. نۆۋەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسىنىڭ بىرى بولغان خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى دىققەت قوزغىماقتا. 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇكاڭ دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدۇ. بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسىلىنى دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى، تارىخى ۋە ئەمەلىي پاكىتلارنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا ئىراقنىڭ ۋە شۇنداقلا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن. 

بىراق، ئىسرائىلىيەدىكى ئاشكېلون سىياسىي بىلىملەر ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور موردېچاي چازىزا ئىسىملىك خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى «ئىسرائىلىيە خەۋەرلەر» تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۇردىستان مۇستەقىللىقىدىكى پوزىتسىيىسىنى مۇلاھىزە قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۆز ئىچىدىكى تەيۋەن، ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەت رايونىدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە بىر تەسىرى بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن ھازىرغىچە مۇشۇ خىلدىكى مىللىي مۇستەقىللىق، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلگەن. بىراق، كۇردىستان مۇستەقىللىقىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ھەم پايدىلىق ھەم زىيانلىق تەرەپلىرى بار بولۇپ، خىتاي ئىككىلىنىش ئىچىدە ئىكەن. 

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتى 3 كە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىراقنى قايتا بىرلەشتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا خىتاينىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش يولىنى تاللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئامېرىكادىكى پانوما ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور درۇ گلەدنېي ئەپەندى بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي سۇداندىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى قوللىغانلىقىنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بەلكى كۇردىستاننىمۇ قوللىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە: «خىتاي ئادەتتە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قوللىمايدۇ. بىراق ئۇ جەنۇبىي سۇداننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى قوللىغان. بۇنىڭ سەۋەبى، ئېنېرگىيە مەنبەسى، نېفىت قاتارلىق مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ قېتىم كۇردىستان مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ. چۈنكى مۇستەقىل بىر كۇردىستان خىتاي ئۈچۈن كۆپرەك پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا مەنچە خىتاي كۇردلار ئۈچۈن بىر مەسىلە ئەمەس. مەسىلە، كۇردىستان رايونى ئەتراپىدىكى تۈركىيە، ئىران، سۈرىيە ۋە ئىراق ھۆكۈمەتلىرى» دېدى.

دەرۋەقە، ئىسرائىلىيەلىك مۇتەخەسسىس دوكتور موردېچاي چازىزانىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، يېڭى ۋە دوستانە بىر كۇردىستان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتىمۇ نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرى كۇردىستان رايونىغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى كۇردلارنى ئوتتۇرا شەرقتە «ئەل-قائىدە» ۋە «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتلىرى» غا قارشى تۇرۇشتا مۇھىم دەپ قاراش بىلەن بىرگە يەنە، «كۇردلارنى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەر ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ كەلگەن تۈركىيەگە قارشى بىر كوزىر»، دەپ قارايدىكەن. 

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كۇرد كوزىرىنى تاكى 2009-يىلىدىن بېرى تۈركىيەگە قارشى ئويناپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

يۇقىرىدىكى ئىسرائىلىيەلىك مۇتەخەسسىسنىڭ قارىشىچە، ئەگەر كۇردىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن تەقدىردە ئۇنىڭ يەنە خىتايغا زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ بار بولۇپ، بىرىنچىسى، رايوندا مۇقىمسىزلىق كېلىپ چىقىپ، خىتاينىڭ مەبلىغى زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭمۇ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى كۈچلەندۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ كۇردىستان مۇستەقىللىقىغا قارشى تۈركىيە، ئىران، سۈرىيە ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ سوغۇقچىلىق سېلىشى مۇمكىن ئىكەن. 

ئىسرائىلىيەلىك تەتقىقاتچى موردېچاي چازىزا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ كۇرد مەسىلىسىدىكى ئىككىلىنىشى ھەل بولمايدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى خىتاي ئاغزىدا كۇردىستان دۆلىتىگە قارشى تۇرۇپ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە بۇ دۆلەتنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. چۈنكى خىتاي بۇ تاكتىكىسىنى ئوتتۇرا شەرقتە كۆپ ئىشلەتكەن.» 

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ ھەر ۋاقىتتىكىدەك ئالدىغا رۇسىيەنى چىقىرىپ قويۇپ، پەردە ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مەيلى نېمىلا بولسۇن، كۇردىستان مۇستەقىللىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى بارلىق مۇستەقىللىق كۈرىشى قىلىۋاتقانلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تولۇق بەت