تۈركىيە ئىلىم ساھەسىدىكىلەر مىرسۇلتان ئوسماننىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.12.01
Mirsultan-Osmanof-2015.JPG مەرھۇم تىلشۇناس ۋە تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى تۈركىيە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىمەكتە. 2015-يىل. ئەنقەرە، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئاتاقلىق تىلچى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە دىئالېكتلىرى تەتقىقاتىدىكى داڭلىق ئۇستاز، چاغاتاي تىلى تەتقىقاتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئالىم شۇنداقلا تۈركولوگىيە ساھەسىدە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنى تەربىيەلىگەن ئۇستاز مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە ئۈرۈمچىدە 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئۇنىڭ ۋاپاتى تۈركىيە ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنى، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى تۈركولوگلارنى ماتەمگە چۆمدۈردى. مىرسۇلتان ئوسمان تۈركىيەدىمۇ ياخشى تونۇلغان تۈركولوگ بولۇپ، 2004-يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى توغرىسىدا» تېمىسىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەن ئىدى. 2013-يىلى ئۇنىڭ تىل تەتقىقاتى ۋە تۈركولوگىيە ئىلمىگە قوشقان ئالاھىدە تۆھپىسى ئۈچۈن ئالتۇن مېدال بېرىلگەن ئىدى. 

2015-يىلى 18-دېكابىر كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا داڭلىق ئۇيغۇر تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمان تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى، ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى ۋە مەشھۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلانغان «ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. مەزكۇر يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى ئىنتايىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆز خەلقىگە ھېچقانچە ئىش قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىنى، ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىدە تېخى نۇرغۇن ئارزۇلىرىنىڭ ئىشقا ئاشمىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

مەرھۇم مىرسۇلتان ئوسمان ھاياتىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر دىئالېكتلىرى ۋە چاغاتاي تۈركىي تىلى تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان ئىدى. ئۇ، بۇ ساھەدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. 

تۈركىيەدىكى داڭلىق تۈركولوگ، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى ئۇيغۇر تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمانغا يۇقىرى باھا بېرىپ، مۇنداق دېدى: «مىرسۇلتان ئوسمان بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ مۇھىم تۈركولوگلىرىدىن بىرى ئىدى. بىز ئۇنى تۇنجى قېتىم قەشقەرنىڭ ئوپال دېگەن جايىدا مەخمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسى تېپىلغانلىقى توغرىسىدىكى ماقالىسى بىلەن تونۇدۇق. مەزكۇر قەبرىنىڭ تېپىلىشىدىمۇ مىرسۇلتان ئوسماننىڭ تۆھپىسى ناھايىتى زور. 1957-يىلىدا بىر ئارخېئولوگ مەخمۇت قەشقەرىنىڭ قەبرىسى ئوپالدا بولۇشى مۇمكىن دەپ بىر دوكلات يازغان ئىكەن. ئىسمائىل ناملىق بىر ئارخېئولوگ يازغان دوكلات تېخى نەشر قىلىنمىدى. 1981-يىلىدا قاسىم رەھىم ‹ئازىق مەھەللىسى توغرىسىدا› ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغان ھامان ئىبراھىم مۇتىئىي بىلەن مىرسۇلتان ئوسمان قەشقەرگە باردى. ئۇ يەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. 1983-يىلى 1836-يىلىدا يېزىلغان بىر ھۆججەت تېپىلدى. بۇ ھۆججەتنى مىرسۇلتان بىلەن ئىبراھىم مۇتىئىي تەتقىق قىلدى. 1984-يىلىدا ئىبراھىم مۇتىئىي بىلەن مىرسۇلتان ئوسماننىڭ ‹مەخمۇت قەشقەرىنىڭ يۇرتى، ھاياتى ۋە مازىرى توغرىسىدا› ناملىق مەشھۇر ماقالىسى ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە 1987-يىلى ‹سوۋېت تۈركولوگىيەسى› ناملىق ژۇرنالدىمۇ ئېلان قىلىندى. كېيىنكى يىللاردا قازاقىستان ۋە تۈركىيەدىمۇ ئېلان قىلىندى. ئوپال، ئازىق دېگەن يەر ئىسىملىرى دىۋاندا بار ئىدى. بۈگۈنكى ئوپالدىكى مەخمۇت قەشقەرىنىڭ قەبرىسىنىڭ تېپىلىشى ۋە مەخمۇت قەشقەرى مەقبەرىسى ۋە مۇزېيىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مىرسۇلتان ئوسماننىڭ تۆھپىسى زور.»

پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى مىرسۇلتان ئوسماننىڭ تۈركولوگىيىگە قوشقان ئەڭ مۇھىم تۆھپىلىرى ئارىسىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «‹قۇتادغۇ بىلىك› ناملىق ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانلار ئارىسىدا مىرسۇلتان ئوسمانمۇ بار. مەخمۇت قەشقەرىنىڭ ‹دىۋان لۈغاتىت تۈرك› ناملىق ئەسىرى تۈركولوگىيىنىڭ شۇنداقلا تۈرك تىلى تارىخى تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسىرى. بۇ كىتابنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىدا مىرسۇلتان ئوسماننىڭ تۆھپىسى ناھايىتى زور. ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› نىڭ تۇنجى نەشرىنى ئۇيغۇرلار 1981-1983-1984-يىللىرىدا قىلدى. بۇ نەشرى 2002-يىلىدا خىتاي تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، مىرسۇلتان ئوسمان بۇ تەرجىمىگىمۇ قاتناشقان. 2008-يىلىدا ئۈرۈمچىدە مەزكۇر ئەسەر قايتا نەشر قىلىندى. بۇ نۇسخىسىنى 5 كىشى نەشرگە تەييارلىغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدىمۇ مىرسۇلتان ئوسمان بار.» 

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مىرسۇلتان ئوسماننىڭ بەزى ماقالىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ مەخمۇت قەشقەرىنىڭ قەبرىسى توغرىسىدا يازغان ماقالىسى بىلەن ئۇيغۇر دىئالېكتلىرى توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرىنىڭ تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى، «ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى» ناملىق كىتابىنى تۈركىيەدىكى تۈركولوگلارنىڭ مەنبە قىلىپ پايدىلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە مالاتيادىكى ئىنۆنۈ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئەرخان ئايدىن ئەپەندى 2015-يىلى مىرسۇلتان ئوسمان تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، ماقالىلەر توپلىمى مىرسۇلتان ئوسماننىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تونۇلغان تۈركولوگلارنىڭ ماقالىلىرىدىن تەركىب تاپقان. 

مەرھۇم مىرسۇلتان ئوسمان 2015-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن ۋاقتىدا تۈركىيە كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان چاغاتاي تۈركىي تىلىدىكى قوليازمىلارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىلىرىنى ئېلىپ، بۇلارنى نەشرگە تەييارلاۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى يىلدىن بېرى كېچە-كۈندۈز چاغاتايچە تېكىستلەرنى نەشرگە تەييارلاۋاتقان ئىكەن، بەختكە قارشى بۇ ئەمگەكلەر يورۇق كۆرمەي تۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.