مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2015.07.22
misir-qahire-xitay-elchixana-uyghurlar.jpg مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ ئاچقان يىغىنى.
RFA/Haji Qutluq Qadiri


ئىگىلىشىمىزچە، 18 - ئىيۇل مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرىسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارغا روزى ھېيتنى تەبرىكلەش زىياپىتى بەرگەن.

قاھىرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن روزا ھېيتنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتىدە ئەلچىخانا مەسئۇللىرى ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن خەلقئارا جەمئىيەتكە تارقالغان «شىنجاڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ روزى تۇتۇشى چەكلەندى» دېگەن خەۋەرلەرگە قارىتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ماختاپ، ئۇيغۇرلارغا بېرىلىۋاتقان تۈرلۈك دىنىي سىياسەتلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش تەشۋىقاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ قېتىمقى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ روزا ھېيتلىق زىياپىتىگە يەنە مىسىردە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خىزمەتچى ۋە تىجارەتچىلەرمۇ قاتناشقان.

خىتاي ئەلچىخانىسى مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلارنى قېتىقىنىپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ئوقۇش - ئۆگىنىش جەريانىدا ئۈچ خىل مەسىلىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى تەكىتلىگەن. بىرىنچى، توغرا - دادىل بولغان ئىسلام دىنىي ئىلىملىرىنى ئۆگىنىش. ئىككىنچى، ئىدىيە،خىزمەت ۋە ھەرىكەتتە ۋەتەن ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىش، دۆلەت مەنپەتىنى قوغداش. ئۈچىنچى، نۆۋەتتىكى مىسىر ۋەزىيىتى ئىچىدە ئۆز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئەلچىخانا بىلەن يېقىن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتا بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

پائالىيەت جەريانىدا سۆز قىلغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى، ئۆزلىرىنىڭ بالدۇراق ئوقۇشنى تاماملاپ ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇلىرىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۆزلىرىگە يەتكۈزۈۋاتقان تۈرلۈك ياردەملىرىگە رەھمەت ئېيتقان.

خىتاي ئەلچىخانىسى ئېلىپ بارغان بۇ قېتىمقى روزى ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش جەھەتتىكى قاراشلىرىنى بايان قىلغان.

قاھىرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە 5 - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندىن بۇيان مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى بېرىشنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ يىل 6 - ئىيۇن ئەلچىخانا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى تارتقان ئىدى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىلگىرى مىسىردىكى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان، ھازىر ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى تەتقىقاتچى ئابدۇجېلىل تۇران بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئاخىرىدا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىكى ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى قاھىرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان تۈرلۈك دىنىي زۇلۇم سىياسەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن مەڭگۈ يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.