ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى مۇختەر روزىنىڭ تۇتۇلغاندىن بۇيان ئىز-دېرىكى يوق

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-09-25
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
مىسىردا غايىب بولغان ئەزھەر ئوقۇغۇچىسى مۇختەر روزى ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
مىسىردا غايىب بولغان ئەزھەر ئوقۇغۇچىسى مۇختەر روزى ئەپەندى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
مۇختەر روزى ئەپەندىنىڭ خانىمى مەريەم مۇھەممەد خانىم تەمىنلىگەن

مىسىردا تۇيۇقسىز، دەلىل ئىسپاتسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، تۇرا ھەربىي تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى، يېقىنقى كۈنلەردە قويۇپ بېرىلىشكە باشلىدى. ئەمما تۇرا تۈرمىسىدىن ئايرىپ ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن 16 ئۇيغۇرنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغاندىن سىرت يەنە، تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، نەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئېنىق بولمىغان باشقا غايىب ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولماقتا.

17-ئىيۇل مىسىر نۆۋەيبى پاراخوت پورتىدا تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى مۇختەر روزى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. ئېرىنىڭ تۇرا تۈرمىسىگە قامالغانلار ئارىسىدا يوق ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلگەن مەريەم خانىم، تور دۇنياسىغا «يولدىشىم مۇختار روزىنى تاپماي قويمايمەن» دەپ مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى. بۈگۈن ئىستانبۇلدىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەريەم خانىم، بىگۇناھ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتسىز تۇتقۇن قىلىنىش، غايىب بولۇشىغا مىسىر ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار بۆلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ سۆھبىتى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

مەريەم مۇھەممەت-مۇختار روزىنىڭ ئايالى. ئىككىلىسى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قانۇنلۇق ئوقۇغۇچىلىرى. مىسىردا تۇرۇشلۇق بارلىق رەسمىيەتلىرى تولۇق. ئۇلار توي قىلغىلى 2 يىل بولغان. 7 ئايلىق ۋە 20 ئايلىق ئىككى بالىسى بار. مەريەم يولدىشى يۇتۇپ كېتىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، ئىككى بالىسىنى ئېلىپ مىسىر چېگراسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ئىستانبۇلغا كەلگەن. يولدىشى غايىب بولۇپ 61 كۈن بولغاندا فەيسبۇك ۋە باشقا تورلاردا ‹يولدۇشۇمنى تاپماي قويمايمەن› دېگەن مۇراجىئەتنامىنى، ئۇيغۇر ئەرەب ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا ئېلان قىلدى.

25-سېنتەبىر بىز ئۇنى ئىستانبۇلدىن تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق.

مۇخبىر: مەريەم يولدىشىڭىز ئىككىڭلار ئەزھەرنىڭ ئوقۇغۇچىسىمۇ؟

مەريەم :شۇنداق ئىككىلىمىز ئەزھەرنىڭ قانۇنلۇق تىزىمغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىسى. مەن تولۇقسىز ئوتتۇرىدا يولدىشىم تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان. بۇنداق بولۇشىدىكى چەتئەللىكلەر سىنىپى بولغاچقا ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىشتىن بۇرۇن چوقۇم تىل ئۆتكىلى ۋە شۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىك كىنىشكىسىنى ئېلىش شەرت ئىدى.

مۇخبىر: ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مۇختەر بىلەن قاچان خەۋەرلەشتىڭىز؟

مەريەم: ئاخىرقى قېتىم شۇ يولدىشىم بىلەن 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى. ئېنىق ئېسىمدە تۇرىدۇ نوۋەيبى پاراخوت پورتىدا تەكشۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى. «مېنى نوۋەيبې پاراخوت پورتىدا تاموژنىدىن تەكشۈرۈۋاتىدۇ، مېنى توسۇپ قالدى » دەپ. مۇختەر يەنە باشقا 3 بالا بىلەن تەڭ ماڭغان. ئۇنىڭدىن كېيىن «مەنلا قالدىم باشقىلارنى قويۇۋەتتى» دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇختەردىن ھېچقانداق خەۋەر يوق، كۆرگەن ئاڭلىغانلارمۇ يوق.

مۇخبىر: مۇختەر بىلەن ماڭغان بالىلار مۇختەرنىڭ ئايرىپ ئېلىپ قېلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە نېمە دېدى؟

مەريەم: ئۇ بالىلارنىڭ دېيىشىچە، مۇختەرجاندىن ھېچقانداق بىر چاتاقمۇ چىقمىغان. «تۇتقانلار شۇ قاھىرەگە تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرگەن بولدى» دېدى. مېنىڭ پەرىزىمچە خىتاينىڭ تىزىملىكىگە ئىسمى چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئادۋۇكاتىممۇ يولدىشىڭنىڭ ئىسمى تىزىملىككە چۈشۈپ قالغان ئوخشايدۇ، دېدى.

مۇخبىر: تۇتۇلغىنى ئېنىق ئەمما كېيىن باشقا ئۇچۇر يوقمۇ؟

مەريەم :ئىككى خىل گۇمانىم بار ئەمدى. بىرى نوۋېيبى پورتىدىن باشقا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەڭ باشقا تۈرمىلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن بولسا بىز بىلەن خەۋەرلىشەلمەيۋاتامدىكىن دەپ ئويلىدىم. يەنە بىرى ئەگەر خىتاينىڭ تىزىمىغا چۈشكەن بولسا ئۈن تۈنسىز خىتايغا ئەككەتكەنمىدۇ دېگەن گۇمانلارمۇ بار ئەمما ئۆزۈم ئۇنىڭ مىسىردا بولۇپ قېلىشىنى بەكرەك ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بىزگە ھازىر دىنىي ئەسەبىي، تېررورچى دېگەندەك قالپاقلار كىيگۈزىلىۋاتىدۇ، سەۋەبسىزلا مۇختەرگە گۇناھلارنى ئارتىپ ھاياتىنى نابۇت قىلارمۇ دەپ ئەندىشە قىلىمەن. ئۇنىڭ ھەر قانداق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھېچقانداق بىر ئىشى يوق. خىتاينىڭ كۆزىگە كۆرۈنۈپ قالغان بۆلىشى مۇمكىن دەل گۇمان قىلىۋاتىمەن.

مۇخبىر:مۇراجەتنامىنى قاچان ئېلان قىلدىڭىز؟

مەريەم: يولدىشىم تۇتۇلۇپ دەل 61 كۈن بولغاندا. مەن شۇنىڭغا قەدەر ئۇنى تۇرا تۈرمىسىدە بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم. ھېيتنىڭ ھارپىسىدىن باشلاپ بەزى بالىلار قويۇپ بېرىلىشكە باشلىدى ئەمما يولدىشىم چىقمىدى، تۈرمىدىن چىققانلاردىن سوراپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇئىرلار قامالغان ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئىز-دېرىكىنى قىلالمىدۇق.

مۇخبىر: ئاڭلىشىمچە، مۇختەر ئىقتىسادى ياردىمى ئۈزۈلۈپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلغان ئىكەن بۇمۇ خىتاينىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قېلىشنىڭ سەۋەبىمىدۇ؟

مەريەم: قالايمىقان تۇتقۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالمىسى ئۈزۈۋېتىلىپ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبلىك ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالمىدى، يولدىشىم ۋە باشقىلار مەسلىھەتلىشىپ يېنىدىكى ئېشىنچا پۇللىرىنى يىغىپ شۇ ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بەرگەن بولدى بۇ بىر ئىنسانىي ياردەم، شۇ چاغلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئوقۇغۇچىلارغا قايتىپ كېتىپ بېسىملىرىنى قىلىۋاتقان ئىدى، بەلكىم شۇ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلغانلىقىمۇ خىتاينىڭ تۇتقۇنىغا ئۇچرۇشىغا سەۋەب بولغان بۆلىشىمۇ مۇمكىن دەپمۇ ئويلايمەن.

مۇخبىر: مۇختەرنىڭ يوقاپ كەتكىنىدىن ئائىلىدىكىلىرىنىڭ خەۋىرى بارمۇ؟

مەريەم: ياق، ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆيدىكىلىرى مۇختەرنى قايتىپ كەل دېگەن ئىدى، ئۇلار بېسىمغا ئۇچرىغان. بىز مەكتەپتىن، كونسولدىنمۇ ئوقۇۋاتقانلىقىمىز ھەققىدە ئىسپات ئالغان بولساقمۇ پايدىسى بولمىدى.

مۇخبىر: بىلىشىمچە سىز ۋە مۇختەر ئىككىلىڭلار ۋەتەندە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن، بەلگىلىك قابىليبەت ئىگىلىگەن ئىكەنسىلەر، مىسىرغا كېلىشىڭلارغا نېمە سەۋەب بولدى؟

مەريەم: مەنمۇ يولدىشىمممۇ ئالىي مەكتەپلەرنى ئوقۇغان، كەسىپتىمۇ بەلگىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، مەقسىتىمىز پەقەتلا توغرا دىنىي بىلىم ئېلىپ، ۋەتىنىمىزگە خەلقىمىزگە تېخىمۇ پايدىلىق خىزمەتلەرنى قىلىش ئىدى. مەنمۇ قانۇن ئوقۇغان، ئايال كىشى بولساممۇ ئىسلام قانۇنى ئوقۇپ، خەلقئارالىق قانۇن كەسپىدە دوكتورلۇق ئېلىپ سېلىشتۇرما قانۇنچىلىق كەسپشىنى قىلسام دېگەن ئارزۇيۇم بولغاچقا، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئوقۇۋاتقان ئىدۇق.

مۇخبىر:يولدىشىڭىز مۇختەر روزى قانداق ئادەم، قانداق دادا ئىدى؟

مەريەم : يولدىشىم مۇختار روزى بۇ يىل 36 ياشتا، بىز توي قىلغىلى 2 يېرىم يىل بولدى. يولدىشىم ئىنتايىن ئىقتىدارلىق، ياردەم سۆيەر، تىرىشچان ئىدى. ئۆزىنىڭ لايىھىلەش تور بېتى بار ئىدى، ھازىر تاقىلىپ قالدى. كومپيۇتېر تېخنىكىسىدا بەلگىلىك سەۋىيىگە ئىگە، دەرسلەرنىمۇ بىكارلىق تارقاتقان. بالىلارغىمۇ بەك مېھرىبان ياخشى دادا ياخشى ئەر بولۇپ كەلگەن.

مۇخبىرى: مۇختەر يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ئەزھەردىن سۈرۈشتە قىلمىدىمۇ؟

مەريەم: ياق ئۇلارمۇ سۈرۈشتە قىلىشقا ئامالسىزغۇ دەيمەن دەپ ئويلايمەن چۈنكى ئۇلار بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىشى دېگەندىن باشقا نېمە دېمىدى. ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئاسانلىق تىلەشتىن باشقا نەرسە قىلىپ بېرەلمىدى.

مۇخبىر: رادىئومىز ئارقىلىق نېمىلەرنى ئاڭلىتىشنى خالايسىز؟

مەريەم: تەكىتلەيدىغىنىم، يولدىشمنىڭ قانۇنسىز ھېچبىر ئىشى يوق، خىتايغا نىسبەتەنمۇ تۇتۇرۇق بولغۇدەك ھېچنەرسە يوق. پەقەت ئۇ ئۇيغۇر بولغىنى، مۇسۇلمان بولغىنى، دىن ئوقوئۇۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا تۇتۇلدى دەپ ئويلايمەن. قاراپ تۇرۇپ غايىب قىلىۋرتىمەسلىكى كېرەك، بىر جايدىن خەۋىرى چىقىشى كېرەك. قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مىسىر ھۆكۈمىتى بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارنى ھېچقانداق بىر دەلىل-ئىسپاتسىز تۇتۇپ، تۇتقاندىن كېيىنمۇ ھېچقانداق ئىز-دېرىكىنى بەرمەي غايىب قىلىۋەتكىنى ئۈچۈن، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. خىتاي گۇناھ ئاتقان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ پەقەتلا بوھتان ۋە ياكى تۆھمەت بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلەيمەن. يولدىشىم ئىز دېرەكسىز يوقىلىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئىز دېرىكى بۆلىشى كېرەك.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت