مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىھسان
2017.07.17
shiwetsiye-abbas-helil-ihsan.jpg ۋىدىيولۇق ئىمزا توپلاش پاالىيىتى تەشكىللىگۈچىلىرىدىن شىۋېتسىيەدىن ئابباس ئەپەندى، خەلىل ئەپەندى ۋە ئىھسان ئەپەندى (سولدىن ئوڭغا). 2017-يىل، شىۋېتسىيە.
RFA/Ihsan

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن، مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى 4-ئىيۇلدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار بۇ ۋەقەدىن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خەۋەر تېپىپ، ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ جىددىي ھالدا ئوقۇغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قېتىلدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار مىسىردىن قايتىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بېلەت ئېلىپ بېرىش، ئايرودرومغا ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋېلىش، ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر ئېغىز ئۆيىنى ھەقسىز ئايرىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە پىداكارلىق قىلدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىللىشىدە ئىقتىساد توپلاپ، مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

بۇ ۋەقەنى خەلقئارا ئاخباراتلارغا ئاڭلىتىشتا، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ ھەمدە ئۇلارنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئاڭلاتتى.

شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاكتىپ ياشلاردىن ئابباس ئەپەندىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، كانادا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلار مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا 10-ئىيۇلدىن باشلاپ ۋىدىيولۇق ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقىتىشقا باشلىغان.بۇ ۋىدىيودا ئالتە نەپەر ئۇيغۇر ياش راۋان بولغان ئىنگلىز تىلىدا مىسىر ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىشىنى، ئەگەر بۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانپەرۋەر كىشىلەرنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان مۇستەقىل پائالىيەتچى ۋە بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى ئابباس ئەپەندى ۋىدىيولۇق ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ھەققىدە توختالدى.

گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتچى ئابدۇغېنى سابىت 6-ئىيۇل كۈنى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مىسىردىكى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان ئىدى. ئابدۇغېنى سابىت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ جامائەت پىكرى توپلاش ئارقىلىق مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. 

ئابباس ئەپەندى سۆزىدە يەنە، بارلىق ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلارغا بېقىنىپلا قالماي، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا ئۆز ئىمكانىيىتىدىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىك ھەسسە قوشۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.