قارامايدىكى جۈمە بازىرى تاقالغانلىقتىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئىشسىز قالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىھسان
2014.04.11
qaramay-jume-baziri-sodisi.jpg قاراماي شەھىرىدىكى شىمالىي قۇرۇلۇش مەھەللىسى مەسچىتى بازىرى
RFA/Ihsan


قاراماي شەھىرىدىكى شىمالىي قۇرۇلۇش مەھەللىسى مەسچىتى بازىرى بۇلتۇر7 - ئايدا شەھەر باشلىقىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تاقىۋېتىلگەندىن كېيىن، بۇ بازاردا يايمىچىلىق بىلەن جان بېقىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسچىت ئەتراپىدىكى ئائىلىلىكلەر بىناسى ئەتراپىدا تىجارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل4 - ئاپرېل كۈنى قاراماي شەھەر، بازار باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەمدە قوراللىق ساقچى خادىملىرى ئۇلارنى مەجبۇرىي تارقىتىۋەتكەن. نەتىجىدە 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تىجارەتچى ئائىلىسىنى بېقىش ئىمكانلىرىدىن مەھرۇم قالغان.

قاراماي شەھىرىدىكى شىمالىي قۇرۇلۇش مەھەللىسى مەسچىتى ئالدىدىكى ئاۋات جۈمە بازىرى 1998 - يىلى جۈمەگە كەلگەن جامائەتنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، ئىشسىز قالغان ئۇيغۇرلار كۆكتات، نان قاتارلىق تۇرمۇشقا كېرەكلىك بۇيۇملارنى سېتىش - سېتىۋېلىش ئارقىلىق بۇ يەردە جان بېقىپ كەلگەن ئىدى.

2008 - يىلغا كەلگەندە بۇ بازارنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ، تىجارەت تۇرلىرىمۇ كۆپەيگەن، تىجارەت قىلىدىغانلارنىڭ سانىمۇ 300 دىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇ بازاردا قاراماي شەھىرىدىكى ئۇششاق تىجارەتچىلەر تىرىكچىلىك قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كېلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ سانى كۆپەيگەن.
قارامايدىكى جۈمە بازىرىنى تاقاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
بۇ بازار، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان، قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە بازارغا ئايلانغان.

بۇ جايدىكى مەسچىتنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 10مىڭ كىۋادىراتمېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، ھەر جۈمە كۈنى 5000 دەك ئادەم بىمالال ناماز ئوقۇيالايدۇ.

جۈمە بازىرىغا كېلىدىغان ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ سانى 30 مىڭ ئادەم/ قېتىمغا يىتىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، قاراماي شەھىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئاساسلىق تەھدىت، باشقا يۇرتلاردىن قارامايغا كېلىپ تىجارەت ۋە ۋاقىتلىق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار دەپ قاراپ، جۈمە بازارنىڭ كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى، نامازغا كېلىدىغان جامائەتلەرنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە ھېس قىلىپ، 2013 - يىلى رامزان مەزگىلىدە قاراماي شەھەر باشلىقىنىڭ بۇيرۇقى، قاراماي شەھەرلىك سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى ھەمدە قاراماي رايونلۇق مىللەتلەر دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بىلەن، بازار يەر مەيدانىنى رېمونت قىلىش باھانىسىدە جۈمە بازىرىنى تاقاش قارارىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بىز، بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كادىرنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ بازارنى تاقاش بۇيرۇقىنى يېڭى شەھەر باشلىقى بولغان خىتاينىڭ بەرگەنلىكىنى، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر سامان يولى مەھەللىسىدىن بازارچىلارغا يەر كۆرسىتىپ بېرىپ، ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇ يەرگە بىر قازاق تىجارەتچى ئايالدىن باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ بارمىغانلىقىنى، تىجارەتچىلەر جۈمەگە كەلگەن جامائەتنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۇ يەردە بازار قىلغانلىقىنى، بۇنداق ئادەم كەلمەيدىغان يەردە ھېچكىم تىجارەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، بۇ بازارنى ئېچىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر كۈنلۈك بازار ئارقىلىق بىر ھەپتىلىك تۇرمۇشىنى ئاران قامداۋاتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بۇ بازاردا تىجارەت قىلىپ كۈن ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئاز بىر قىسمى كېيىن مەسچىت ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر بىناسى ئالدىدا يايمىچىلىق قىلىپ كۈن ئالغان.

2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى جۈمە كۈنى قاراماي شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى، بازار باشقۇرۇش ئىدارىسى، قوراللىق ساقچىلاردىن 50 دىن ئارتۇق كىشى كېلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ جايدا تىجارەت قىلىشىغا يول قويمىغان، بۇ جەرياندا نارازى بولغان تىجارەتچىلەر بىلەن ھۆكۈمەت خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر مەيدانغا كەلگەن. ۋەقەدىن كېيىن 26نەپەر تىجارەتچى تەشكىللىنىپ ئەرز تەييارلاپ شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە بارغان بولسىمۇ، دائىرىلەر ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغان.

بۇ بازاردا 6 يىلدىن بېرى تىجارەت قىلىۋاتقان ئابلەتجان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

مۇخبىر: بۇ بازاردىكىلەرنىڭ ئاساسلىق كىرىمى جۈمە بازىرىدىنمۇ؟

ئابلەتجان: شۇنداق، مېنىڭمۇ ئاساسلىق كىرىمىم جۈمە بازاردىن كېلىدۇ.

مۇخبىر: ھازىر جۈمە بازىرىدا تىجارەت قىلىپ جان بېقىۋاتقان قانچىلىك ئائىلە بار؟

ئابلەتجان: ئاز دېگەندە 150دىن 200 گىچە ئادەم بار.

مۇخبىر: باشقا يۇرتلاردىنمۇ كېلىپ تىجارەت قىلىدىغانلار بارمىتى؟

ئابلەتجان: بار، ئۈرۈمچى ۋە باشقا شەھەردىن بولۇپ نۇرغۇن ئادەملەر كېلەتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا سىلەر، قاراماي شەھىرىدىكى جۈمە بازىرىنىڭ تاقىلىشى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىز قالغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.

بۇ پروگراممىنى شۋېتسىيەدىن ئېھسان تەييارلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.