«قەلبىمىزنىڭ شەرقى شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016.05.02
abdurehim-qeshqeri-sherqiy-turkistan-mukapat.jpg ئابدۇرېھىم قەشقەرى ئەپەندى تەقدىرنامە تاپشۇرۇپ ئالماقتا
RFA/Arslan

29 - ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ قىرشەھەردىكى ئاھى ئەۋران ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «قەلبىمىزنىڭ شەرقى شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا بىر يىغىن ئېچىلدى. يىغىندا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇرېھىم قەشقەرى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ سۆز قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان ئىسلام دىنى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. يىغىنغا ئاھى ئەۋران ئۇنىۋېرسىتېت مۇئاۋىن رېكتورى پروفېسسۇر دوكتور ئەخمەت گۆكبال قاتارلىق ئۇنىۋېرىستېت ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ئابدۇرېھىم قەشقەرى سۆزىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختالدى، كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىملار توغرىسىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىدىغان بىرمۇ مەتبۇئات ۋە ئاخبارات ئورگىننىڭ يوقلۇقىنى، چەتئەللىك ژۇرنالىستلارنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشىغا ۋە خەۋەر ئىشلەشكە روخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىبادەت قىلىشىغا چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى، خۇسۇسەن رامىزان ئېيىدا چەكلىمىنىڭ كۈچەيتىدىغانلىقىنى، يېڭىدىن يېتىشىۋاتقان ئەۋلادلارنىڭ ئىسلام دىنىنى ئۆگىنىشىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى، مەكتەپ ۋە ئىدارە جەمئىيەتلەردە سۇ ۋە يىمەك - ئىچمەك تارقىتىپ چۈشلۈك تاماق بېرىش ئارقىلىق روزا تۇتقانلارنىڭ روزىسىنى بۇزۇشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان ئىسلام دىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇرېھىم قەشقەرى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ بايلىقلاردىن خىتاي ھاكىمىيىتى پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، بايلىقلارنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى، كەمبەغەل - نامرات ۋە ئىشسىز قالدۇرۇلغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بايان قىلدى.

ئابدۇرېھىم قەشقەرى ئەپەندى سۆزدە
ئابدۇرېھىم قەشقەرى ئەپەندى سۆزدە

يىغىن ئاخىرىدا ئابدۇرېھىم قەشقەرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا ئەتراپلىق جاۋاب بەردى.

قىرشەھەر ئاھى ئەۋران ئۇنىۋېرىستېتى مۇئاۋىن رېكتورى پروفېسسۇر ئەخمەت گۆكبال تەرىپىدىن ئابدۇرېھىم قەشقەرى ئەپەندىگە يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى تەقدىرلەپ تەقدىرنامە بېرىلدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئاھى ئەۋران ئۇنىۋېرىستېتى تىل - ئەدەبىيات فاكولتېتى بۆلۈم باشلىقى دوكتور مەھمەت تەرجان ۋە يىغىندا سۆز قىلغان ئابدۇرھىم قەشقەرى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور مەھمەت تەرجان ئەپەندى بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر بېسىم ئىچىدە قالغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى، ھەقلىق داۋادا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.