رابىيە قادىر خانىم ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ستۇدېنتلار ئۈچۈن ئەركىنلىك» ناملىق خەلقئارا كونفېرېنسىيەدە مۇھىم سۆز قىلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.02.28
rabiye-qadir-student-erkinlik-2016.jpg رابىيە قادىر خانىم ۋاشىڭتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىستۇدېنتلار ئۈچۈن ئەركىنلىك» ناملىق خەلقئارا كونفېرەنسىيەدە
RFA/Qutlan

27-فېۋرال، يەنى شەنبە كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى مارىئوت مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك «ستۇدېنتلار ئۈچۈن ئەركىنلىك» ناملىق خەلقئارالىق كونفېرېنسىيەدە مۇھىم سۆز قىلدى.

يىغىن باشلىنىشى بىلەن رىياسەتچى ئاڭلىغۇچىلارغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاندىن رابىيە خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.

رابىيە خانىمنىڭ نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ئاستىدا ئېغىر دەرىجىدە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سىقىلىشلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرى ھەققىدىكى سۆزى يىغىن قاتناشچىلىرىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار رابىيە خانىمدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە سوئاللار سورىدى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر خەلقئارالىق كونفېرېنسىيەگە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىشتىكى سەۋەبلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

رابىيە خانىم سۆزىدە ئىككى مىڭغا يېقىن يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئاكتىپ ستۇدېنتلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ سىياسىي سەھنىسىدە مۇھىم ئورۇنلارنى تۇتىدىغانلىقىنى، بۈگۈنكىدەك بۇنداق خەلقئارالىق سەھنىدە ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۈگۈنكى كونفېرېنسىيەدە رابىيە خانىمنىڭ سۆزىنى نەق مەيداندا ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيتوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

«‹ستۇدېنتلار ئۈچۈن ئەركىنلىك› ناملىق دۇنياۋى تەشكىلات ئامېرىكىدا ھەر يىلى بىر قېتىمدىن دۇنياۋى كونفېرېنسىيە ئۆتكۈزۈپ، ياشلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئىستىكىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ قېتىم رابىيە خانىم ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى. بۇ ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ كەلگۈسى سىياسىي سەھنىسىدە ئاكتىپ روللارنى ئالىدىغان ياشلارغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم بىر سەھنە بولۇپ قالىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.