رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.10.26
rabiye-jenwe-bdt-soz-qilmaqta-305.jpg رابىيە قادىر خانىم ب د ت چاقىرغان 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى. 2011-يىلى نويابىر، شۋېتسارىيە.
RFA/Erkin Tarim

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا چاقىرىلغان «59 - نۆۋەتلىك ئاياللارغا قارشى ھەر تۈرلۈك كەمسىتىشلەرگە قارشى تۇرۇش يىغىنى»غا قاتناشقاندىن كېيىن مەخسۇس بىر كۈن ۋاقتىنى چىقىرىپ ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ 3 - دۆلەتكە جايلاشتۇرىلىشى ئۈچۈن بەزى ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق مۇساپىرلار باشقارمىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى، لاگىرلار، قاماقخانىلاردا قېيىن شەرت - شارائىتتا تۇرمۇش كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئېلىپ كېتىپ جايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشىنى ئېيتقان.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ب د ت مۇساپىرلار باشقارمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، مۇساپىر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى دېگەن. بۇ ھەيئەتنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.