ئۇكرائىنا كرىزىسى رۇسىيە بانكىلىرىغا ئاپەت ئېلىپ كەلمەكتە

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.10.29
rusiye-ukraina-putin-poroshenko-minsk.jpg بېلېرۇسىيە پېرىزېدىنتى لۇكاشېنكو ئەپەندى پوروشېنكو ۋە پۇتىنلارنى كۆرۈشتۈرمەكتە
AFP

رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قوشۇۋېلىشىدىن كېيىن كۈچەيگەن ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈپەيلىدىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئىقتىسادى ئېمبارگولىرى سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا رۇسىيە دۆلەت بانكىلىرىنىڭ تارتقان زىيانلىرى ھەققىدە تۈرلۈك باھالار ۋە پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېقىندا غەرب ۋە رۇسىيە مالىيە كۆزەتكۈچىلىرى رۇسىيە بانكىلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى تارماقلىرىنىڭ تارتقان زىيانلىرىنى ھېسابلاپ چىقىپ، 25 مىليارد دوللارلىق زىياننى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇسىيەنىڭ «زاگلوۋكا» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرلىكلىرىدىن بىرى شتابى نيۇيوركقا جايلاشقان خەلقئارالىق قەرز ۋە مالىيە مەسىلىلىرىنى كۆزىتىش ھەم باھالاش شىركىتى «فىتچ رەيتىڭىس»نىڭ ئېلان قىلغان مەلۇماتىدۇر.

«فىتچ رەيتىڭس» نىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ دۆلەت بانكىلىرىدىن تاشقى سودا بانكىسى، پۇل-ئامانەت بانكىسى ۋە گازپروم بانكىسى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇكرائىنادا تارتقان زىيىنىنىڭ 25 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقى ھېسابلاپ چىقىلدى.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ زىيان مەزكۇر رۇسىيە بانكىلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر مەسىلىلەرنى تۇغدۇرغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلار رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە ئۆزلىرىدىكى ئېغىر زىيان ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغان. مانا ئەمدى زىيانلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى بىلەن ئۇلار ھۆكۈمەتتىن ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئەھۋالىغا چۈشكەن.

رۇسىيەنىڭ «ر ب ك ھەپتىلىك تىجارەت گېزىتى»دە بايان قىلىنىشىچە، رۇسىيە بانكىلىرىنىڭ مەزكۇر زور رەقەملىك زىيىنى تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك، 27-ئۆكتەبىر كۈنى رۇسىيە باش مىنىستىرى دمىترى مېدۋېدېۋ جىددىي يىغىن ئېچىپ، ھەر قايسى چوڭ بانكىلارنىڭ باشلىقلىرىنىڭ مەلۇماتلىرى ۋە پىكىر-تەلەپلىرىنى ئاڭلىغان. بۇ يىغىنغا رۇسىيە مالىيە، سودا-ئىقتىساد ساھەسىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان.

ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈپەيلىدىن رۇسىيە بانكا سىستېمىسىنىڭ زادى قانچىلىك زىيان تارتقانلىقىغا قارىتا رۇسىيە مالىيە ئانالىزچىلىرىمۇ يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە رۇسىيەنىڭ «سودىگەر» گېزىتىدە بىر پارچە ئۇچۇر ئېلان قىلىنغان. «نېۋس.رۇ» تورىنىڭ «سودىگەر» گېزىتىدىن نەقىل ئېلىشىچە، رۇسىيە پۇل-ئامانەت بانكىسىنىڭ تارتقان زىيىنى ھازىرغىچە 135 مىليارد رۇبلى، يەنى 3.2 مىليارد دوللارغا يەتكەن. تاشقى سودا بانكىسى بۇ يىل 9 ئاي ئىچىدىلا 26 مىليارد رۇبلى زىيان تارتقان بولۇپ، يىلنىڭ ئاخىرىغىچە مەزكۇر زىيان داۋاملىق كۆپىيىپ 52 مىليارد رۇبلىغا، يەنى 1.2 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۇمكىن.

رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ «ر ب ك»،يەنى «رۇسىيە تىجارەت مەسلىھەتى» ناملىق تىجارەت، پۇل-قەرز، باھا ۋە باشقا مالىيە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم كۆرسىتىش شىركىتىنىڭ ھېسابلاپ چىقىشىچە، پۇل ئامانەت بانكىسى، تاشقى سودا بانكىسى، تاشقى ئىقتىساد بانكىسى قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز بانكىلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەردىكى تارماق تىجارەتلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيەنىڭ «ر ب ك ھەپتىلىك تىجارەت گېزىتى»دە بايان قىلىنىشىچە، يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ھەر قايسى بانكىلارنىڭ ئۇكرائىنا شۆبىلىرىنىڭ بۇ يىل 10-ئايغىچە تارتقان زىيانلىرىنىڭ 25 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقى ۋە بۇ زىيانلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىنلىكى، بۇنىڭدا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى تەرەپنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بارلىقى، مەزكۇر تارماق بانكىلارنىڭ زىياننى تولدۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم كۆرسىتىشى مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

نىيۇيوركتىكى «فىتچ رەيتىڭس» شىركىتى بۇ يىل 2-ئايدا رۇسىيە بانكىلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك تارتىشى مۇمكىن بولغان زىيىنىنىڭ 28 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە بانكىلىرى ئىچىدە تارتقان زىيىنى جەھەتتە ئەڭ چوڭىنىڭ تاشقى سودا بانكىسى بولۇشى، ئىككىنچى ئورۇندا تەبىئىي گاز سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «گازپروم» بانكىسى تۇرىدىغانلىقى ھېسابلاپ چىقىلغان.

بۇ يىل 3-ئايدا رۇسىيە قىرىمنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپ كۈچەيدى. شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتمۇ جىددىيلىشىپ، بۇ رايونلارنىڭمۇ رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىش خەۋپى تۇغۇلدى.

ئامېرىكىدىكى گېئورگى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرى دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىنىنىڭ ئېيتىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللاش يۈزىسىدىن كۆپ قېتىم رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە قۇلاق سالمىدى. نەتىجىدە ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا ۋە باشقا دۆلەتلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن رۇسىيەنىڭ سودا-ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە ساھەسى ۋە بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك شەخسلىرىگە قارىتا ئېمبارگو قوللاندى.

بۇ ئېمبارگولارنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ئەنە شۇ جەرياندا رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، جۈملىدىن ئېنېرگىيە سودىسى جەھەتتە زور ئىلگىرىلەشلەر مەيدانغا كېلىپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا 400 مىليارد دوللار قىممىتىدە تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالاندى. يېقىندا بولسا، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا يەنە 38 كېلىشىم ئىمزالاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم دۆلەت بانكىلىرىنىڭ خىتاي بانكا سىستېمىسىدىن قەرز ئېلىش كېلىشىمىمۇ بار ئىدى. مۇلاھىزىچىلەر رۇسىيەنىڭ ھەقىقەتەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇچرىغان ئېمبارگولارغا، يەنى تارتىۋاتقان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ تارتىشى مۇمكىن بولغان زىيانلىرىنى تولدۇرۇشتا خىتايغا تايانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى يېزىشماقتا.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن داۋاملىق قارشىلىشىشىنىڭ ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى ئۈچۈن زىيانلىق ئامىل بولىدىغانلىقى مەزكۇر رۇسىيە دۆلەت بانكىلىرىنىڭ زىيانلىرىدىن تېخىمۇ روشەن بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.