دۇنيادىكى تۇنجى كوممۇنىستىك دۆلەت 25 يىل مۇقەددەم غۇلىغان ئىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.08.24
ghelibe-kuni-sowet-305.jpg غالىبىيەت خاتىرە كۈنى تەبرىكلەندى. 2005-يىلى 9-ماي. موسكۋا.
wikipedia.org

مەلۇمكى، بۇنىڭدىن 25 يىل مۇقەددەم دۇنيادىكى تۇنجى كوممۇنىستىك دۆلەت سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىغان ئىدى. بۇنىڭغا 19-ئاۋغۇستتا يۈز بەرگەن ئىسيان سەۋەب بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىگە يول بەرمەسلىكتىن ئىبارەت بولغان. ئىگىلىشىمىزچە، شۇ كۈنى سەھەردە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى خادىملىرى مەملىكەتتە پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەت ئېلان قىلىپ، دۆلەت كومىتېتى قۇرغان ئىدى. 20-ئاۋغۇستتا رۇسىيە پرېزىدېنتى بورىس ئېلتسىننىڭ مەزكۇر كومىتېتنىڭ قانۇنسىزلىقى ھەققىدىكى پەرماننى ئىمزالىشى بىلەن، موسكۋادىكى ۋەزىيەت خېلى كەسكىنلەشتى. ئىلگىرىكى تۈزۈمنى ياقلىغۇچى ھەربىيلەر بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ، ئاقىۋەتتە بىر نەچچە ئادەم قۇربان بولدى ۋە يارىدار بولدى. 23-ئاۋغۇستتا بولسا، رۇسىيە پرېزىدېنتى ئىلگىرىكى سوۋېت ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى مىخايىل گورباچيېفنىڭ ئالدىدا رۇسىيەدە كوممۇنىستىك پارتىيە پائالىيىتىنىڭ توختىتىلىشى ھەققىدە پەرمانغا قول قويدى. ئەتىسى م. گورباچيېف سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارلىق لاۋازىمىدىن كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلىشى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرگە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ بۇ ۋەقە جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا قانداق سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى؟
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىش سەۋەبلىرى، بۇنىڭغا كىملەرنىڭ ھەم نېمىلەرنىڭ ئاساس بولغانلىقى ھەققىدە بۈگۈنگىچە ھەر خىل پىكىرلەر ئېيتىلىپ كەلمەكتە. سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ پىكرىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى دۇنياغا زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، دۇنيا خەرىتىسىدە 15 مۇستەقىل دۆلەت، پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىلا بەش مۇسۇلمان مەملىكىتى پەيدا بولغان. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇسۇلمان خەلقلەر ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولغان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلىشىغا، سىياسەتشۇناسنىڭ تەكىتلىشىچە، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە ئىدىيىۋى ئامىللار سەۋەب بولغان. ق. غوجامبەردى كېلەچىكى يوق كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيىنىڭ گۇمران بولۇشىنىڭ ئومۇمەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، شۇنداقلا دۇنياۋى سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ غۇلىشىغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھەم بۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپقانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: « گورباچيېف ئىسلاھات، ئاشكارىلىق ئېلان قىلىپ، دېموكراتىيىگە قاراپ ماڭغاندا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە مىللىي رەھبەرلەر سەھنىگە چىقتى. ئۇلار تېز ئارىدا كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەدىن مىللىي ئىدېئولوگىيەگە قاراپ ئۆتتى. 1991-يىلى ئاۋغۇستتا دۆلەت كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن موسكۋا ئەمەلىيەتتە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنى باشقۇرالماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن جۇمھۇرىيەتلەر پەيدىن-پەي مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. بۇ جەھەتتە ئۇلار ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا، شۇ جۈملىدىن مىللەتلەر ئارا مەسىلىلەرگىمۇ دۇچ كەلدى.»

ق. غوجامبەردى سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلاشتىن ئاۋۋال يەنى ئاخىرقى يىللاردا، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار جەريانىدا مىللەتلەر ئارا توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى، بولۇپمۇ ئەرمېنىيە ۋە ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى تاغلىق قاراباخ مەسىلىسىنىڭ قانلىق توقۇنۇشلارغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختالدى: « ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى شەكىللەنگەن دەۋردە ئۇلارنىڭ زېمىنى ئىلمىي ۋە تارىخىي ئاساسقا كۆڭۈل بۆلۈنمەي، كۆپىنچە سۈنئىي سىزىلدى. شۇڭلاشقا ئۇلار ئارىسىدا مىللىي تېررىتورىيە تالاش-تارتىشى سەھنىگە چىقتى. بۇ ئاساسەن كاۋكازدا بولدى. ئوتتۇرا ئاسىيادا، مەسىلەن، بۈگۈنگىچە قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدا مۇشۇنداق تالاش-تارتىشلار بار. قازاقىستانمۇ خىتاي بىلەن كېلىشىپ، بەزى يەرلىرىنى بەردى، بەزى يەرلىرىنى ئالدى، شۇنداق قىلىپ بىردىن-بىر قازاقىستان ئۆز يەرلىرىنى قوشنىلار بىلەن سىزىپ چىقتى. باشقىلار بۇ ئىشلىرىنى ئاخىرىغىچە چىقىرالمىدى.»

سىياسەتشۇناس ق. غوجامبەردى بەزى ئۆزبېكىستان تېررىتورىيىسىدە قىرغىز يېزىلىرىنىڭ، بەزى قىرغىز يېزىلىرىدا بولسا، ئۆزبېك يېزىلىرى ئاھالىسىنىڭ كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ھەممە يەردە تېررىتورىيە، سۇ مەسىلىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولۇپمۇ رۇسىيە بىلەن قېرىنداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۆز- ئارا مۇناسىۋەتلىرىگە بىر تالاي زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ شۇنداقلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتلەرگە ئېلىپ كەلگەن زىيىنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ق. غوجامبەردى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تېررىتورىيەلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا قانۇنغا ئاساسلانمىغان ھالدا بېكىتىلگەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ، خەلقئارا سۇبيېكتقا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى سىياسىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئاتالمىش يۇمشاق ئىقتىسادىي باسقۇنچىلىقىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگۈزگەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي، رۇسىيە ۋە باشقا مەملىكەتلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمدى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىقتىسادچى دوكتور ھاكىمجان ئارۇپوفنىڭ پىكرىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى بولۇپمۇ شۇ ۋاقىتتىكى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئالېكسېي كوسىگىن يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلاردىن كېيىن، ئۆز تەرەققىياتىدا يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ 1964-يىلدىن تا 70-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئارىلىق بولۇپ، پەقەت شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىقتىسادىدا قىيىنچىلىقلار يۈز بېرىشكە باشلىغان. ھ. ئارۇپوف 1991-يىلغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىقتىسادىنىڭ ئوچۇق ھالدا چوڭ كرىزىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: « سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلاش ئالدىدا بىر پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى توغرىلىق شوئار ئوتتۇرىغا تاشلانغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ سىستېما ئىشلىمىدى. شۇڭلاشقا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىل بۇ ئىقتىسادىي چۈشكۈنلۈكلەر، دەپ ئويلايمەن. 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ئارقا-ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقتىن چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ تامامەن ھەر خىل جۇمھۇرىيەتلەر ئىدى. ئەڭ تەرەققىي ئەتكەن جۇمھۇرىيەتلەر پرىبالتىكىنىڭ ئېستونىيە، لىتۋا ۋە لاتۋىيە جۇمھۇرىيەتلىرى بولدى. ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىمۇ ئۇلاردا ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرى خېلى راۋاجلانغان ئىدى. ئىتتىپاق غۇلىغاندىن كېيىن بۇ جۇمھۇرىيەتلەر تېز ئارىدا ئۆزلىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرەلىدى ھەم ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بارلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر جۇمھۇرىيەتلەر گۇرۇپپىسى، يەنى رۇسىيە، ئۇكرائىنا، بېلارۇسىيە ۋە ئەتىمالىم، قازاقىستاننىڭ ئىقتىساد دەرىجىسى شۇ دەۋرگە مۇۋاپىق بولدى. ئۇلارمۇ شۇ دەۋردىكى ۋەزىيەتكە تېز ئارىدا ماسلىشالىدى. بىۋاسىتە قازاقىستانغا كېلىدىغان بولساق، سوۋېت دەۋرىدە ئۇنىڭدا يېتەرلىك دەرىجىدە ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرى قۇرۇلۇپ، نېفىت، گاز ئوخشاش تەبىئىي بايلىقلار زاپىسى توپلانغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئېلىمىز 3-5 يىل ئىچىدە بۇ بايلىقلىرىنى ئورۇنلۇق ئىشلىتىشنى بىلدى. بىز ئىنتايىن كۆپ چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلالىدۇق، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىقتىسادىمىزنىڭ راۋاجلىنىشىغا قاتتىق تەسىرىنى كۆرسەتتى.»

ھ. ئارۇپوفنىڭ تەكىتلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن، مەسىلەن، تۈركمەنىستان بىتەرەپلىك يولىنى تاللىۋېلىپ، ھازىر ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن باي گاز زاپىسى بىلەن ھايات كەچۈرمەكتە. قىرغىزىستان يېتەرلىك دەرىجىدە تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە بولمىغانلىقتىن ئۇنىڭ ئىقتىسادىدا بەزى قىيىنچىلىقلار پەيدا بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالىغا، بولۇپمۇ ئىچكى مۇقىملىقىغا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۆزبېكىستان بولسا ئىنتايىن پەخەسلىك بىلەن ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار يولىنى تاللىۋالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ 30 مىليونغا يېقىن ئاھالىسى ھەجمى جەھەتتىن كىچىك زېمىندا جايلاشقان. ئالىم شۇنداقلا بۇ يەردە ئائىلىۋى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى سىستېمىسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، كۆپرەك يېزا ئىگىلىكىنىڭ راۋاجلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ھ. ئارۇپوفنىڭ ئېيتىشىچە، شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلىشى بىلەن بەزى يەرلەردە ئىقتىسادنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، بەزى يەرلەردە ئۇنىڭ چۈشكۈنلۈككە ئۇچرىشى ھەققىدە ئېنىق بىر پىكىر قىلىش قىيىن بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.