د ئۇ ق تايلاند دائىرىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، پارتلاشقا ئائىت دەلىللەرنى تولۇق ئېلان قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.09.02
tayland-partlash-eniqlash-muxbir.jpg تايلاند ساقچى باياناتچىسى پراۋۇت تاۋورنسىرى تايلاندتىكى پارتلاش ۋەقەسى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2015-يىلى 1-سېنتەبىر، باڭكوك.
AFP

تايلاند ھۆكۈمىتى كامبودژا چېگراسىدا قولغا ئېلىنغان گۇماندارنىڭ بارماق ئىزى، ساقچىلار باڭكوكتىكى بىر بىنا ئۆيدىن بايقىغان بومبا ماتېرىياللىرىدىكى بارماق ئىزى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ساقچى تەرەپ گۇماندارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ 17‏-ئاۋغۇست پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئۆزىنىڭ پارتلاش بولغان جاينىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق گۇماندارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تايلاند ساقچى باشلىقى چاكتىپ چايجىندا چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا كامبودژا چېگراسىدا قولغا ئېلىنغان كىشىنىڭ «شىنجاڭلىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ تايلاند دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم پارتلاش ۋەقەسىنى «شىنجاڭلىق» گۇماندارغا باغلىشىدۇر.

تايلاند ھۆكۈمىتى ئىلگىرى پارتلاش ۋەقەسىگە ئالاقىدار ھەر خىل ئېھتىماللىقنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن د ئۇ ق گۇماندارلارغا ئالاقىدار نۇرغۇن زىددىيەتلىك نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، تايلاند دائىرىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، پارتلاشقا ئائىت بارلىق دەلىللەرنى تولۇق ئېلان قىلىشقا چاقىردى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى: تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى تەپسىلىي، دەلىل-ئىسپات بىلەن ئوچۇق بىلدۈرگەن بولسا دەيمەن. ئاخباراتنىڭ پەرەز بىلەن ئوخشىمىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ئارقىلىق قالايمىقان پەرەزلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يول قويۇلماسلىق كېرەك، دەپ قارايمەن. ھازىر گۇماندارلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھەر خىل پەرەز بار. بۇ مەسىلىدە تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق ئىنسانلارنىڭ كىملىكىنى ھەقىقىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئوچۇق ئېلان قىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، پارتلاش ئېچىنىشلىق ۋەقە. لېكىن بۇ پارتلاش ۋەقەسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىققانلىقى، بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتلارغا بىز ئىگە بولمىدۇق. تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىلەرنى ئوخشىمىغان پەرەزلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.

ساقچىلار سەيشەنبە كۈنى كامبودژاغا ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان بىر كىشىنى قولغا ئالغان. ئۇ كىشىنىڭ قېشىدىن خىتاي پاسپورتى، خىتاي پاسپورتىدا تۇغۇلغان ئورنى «شىنجاڭ»، ئىسمى «مىرئەلى يۈسۈپ» دەپ يېزىلغان. ئۇنىڭدا يەنە، پاسپورتنىڭ 2013‏- يىلى تارقىتىلغانلىقى ۋە 2023‏- يىلغا قەدەر ئىناۋەتلىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.

تايلاند تەرەپ ئۇ تۇتقۇننى ئاچقۇچلۇق گۇماندار، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ پاسپورتنىڭ ساختا ياكى چىنلىقى، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنغان ئۇ ئۇيغۇرغا ئائىت ياكى ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرمىدى.

چارشەنبە كۈنى، تايلاند باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى پراۋوت تاۋورنسىرى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇ كىشىنىڭ بارماق ئىزى باڭكوكنىڭ نوڭ چوك رايونىدىكى ئۆينى ئاختۇرغاندا تېپىلغان بومبا ماتېرىيالى قاچىلاقلىق بوتۇلكىدا بايقالغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئۇ كىشى بومبا ماتېرىياللىرىغا چېتىشلىق، دەپ ئېيتالايمىز» دېگەن.

بىراق نوڭ چۆكتىكى ئۆيدىن تېپىلغان بومبا ماتېرىياللىرىنىڭ 17‏-ئاۋغۇست پارتلاش ۋەقەسى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقى بىر سوئال. تايلاند ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بۇ سوئالغا تولۇق چۈشەنچە بەرمىگەن.

لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەر، پارتلاشنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق ئالاقىسى بارلىقى گۇمانلىق، دەپ كۆرسەتتى.

تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، پارتلاش ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بەزى مۇھاجىرلارنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بولۇشى ئېھتىمال، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: تايلاند ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئارىسىدا بەلكىم بۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىنىسى باردۇ. ئۆز ۋاقتىدا ماۋۇ ئىستانبۇلدا تايلاند كونسۇلخانىسىنى ئۇرۇپ چاققان بولدى. ئاشۇ بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بارتىكەن. مۇنداق دېگەندە بۇ شەخسى بىر ھېسسىيات بىلەن خىتايغا نارازىلىق بولسۇن، دېگەن بىر نىيەت بىلەن قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

ئەمما تايلاند ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى بىر تەشكىلات بىرگە قىلغان، بەلكى بىر ئۇيغۇر ياكى تۈرك قىلغان بولسا، بۇنىڭ ئارقىسىدا بىر تەشكىلات بولۇشى مۇمكىن دەيدۇ. يەنى مۇشۇ ئىسلامى تەشكىلاتلار تەشكىل قىلغان بىر ھەرىكەت، دەپ گۇمان قىلىپ كەلگەن.

لېكىن ئەركىن ئەكرەم يەنە، بۇ خىل ۋەقەلەر ئۇزۇن مەزگىلدە ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: ئەمما بۇ بەلكى خىتاينى ئۆلتۈرۈۋالدىم، تايلاند دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمىتىگە ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قويدۇم، تايلاندنىڭ ئىقتىسادى ۋە ساياھەتچىلىكىگە زەربە بەردىم، دەپ ئۆزى خۇشال بولغان بىلەن ھازىر تاكتىكا جەھەتتە، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۇيغۇر داۋاسىغا زىيان بولدى. چۈنكى بۇنىڭدىن كېيىن تايلاند ھۆكۈمىتى كۆرگەن ئۇيغۇرنى قايتۇرۇۋېتىدۇ ئەمدى. شۇنىڭغا ئوخشاش بۇرۇنمۇ ۋىيېتنامغا قېچىپ كەلگەن بالىلار بار ئىدى. بۇ بالىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان ۋاقىتتا ئۇلار ساقچىلار بىلەن ئېتىشىپ قېلىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ھازىر ۋىيېتنام ھېچبىر ئۇيغۇرنى كىرگۈزمەيلى، دەۋاتىدۇ. ھازىر يەنە لائوس، تايلاند، ۋىيېتنام بۇلار ھەممىسى بىرگە ئۇيغۇرلارنى توسايدىغاننى قىلىۋاتىدۇ. بۇ، قېچىپ چىقىدىغان ئۇيغۇرلار سىغىنىدىغان ياكى بېقىنىدىغان بىر يەر يوقالدى، دېگەن گەپ.

ئەركىن ئەكرەم بۇ ۋەقە يەنە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىياغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا دەرھال ئىگە بولۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئەكرەم: تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇرۇن بۇ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى بىز ئالايلى، دېگەن بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن توختاپ تۇرە، دەيدىغان بىر نۇقتىغا كېلىشى مۇمكىن. بۇرۇن ۋەدە بېرىپ قويغانلار بولسا ئۇلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن مۇنداق ئوچۇق-ئاشكارا ئۇيغۇرلارنى ئالايلى، كەلسۇن، دېيىشى بىر ئاز قىيىندەك قىلىدۇ.

تايلاند ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى كامبودژا چېگراسىدا قولغا ئېلىنغان ئۇ كىشىدىن بۇرۇن تۈرك پاسپورتلۇق يەنە بىر كىشىنى قولغا ئالغان. دائىرىلەر، پاسپورتىدا ئىسمى «ئادەم قاراداغ (قاراتاغ)» دەپ يېزىلغان ئۇ كىشىنىڭ پاسپورتى ساختا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يېنىدىن يەنە نۇرغۇن ساختا تۈرك پاسپورتى تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دائىرىلەر يەنە، پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق، دەپ قارالغان بىر تايلاندلىق مۇسۇلمان ئايال بىلەن ئۇنىڭ تۈركىيەلىك ئېرى -ئەمراھ داۋۇتئوغلۇنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

ساقچىلار، بومبا ماتېرىيالى تېپىلغان باڭكوك شەھىرىنىڭ ناك چوك رايونىدىكى بىنا ئۆي ئەر-ئايال ئەمراھ داۋۇتئوغلۇ ۋە ۋان سۇانسەننىڭ نامىدا ئىجارە ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن ھازىر تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدە ياشاۋاتقان ۋان سۇئانسەن چەتئەل ئاخباراتىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ 3 ئايدىن بېرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پارتلاش ۋەقەسى بىلەن ھەرقانداق ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان. ئۇ: گېزى كەلسە قايتىپ بېرىپ، ئۆزۈمنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمەن، دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.