توكيودىكى تەيۋەننىڭ ئولىمپىككە قاتنىشىش مەسىلىسى يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017.03.30
teywen-yighin-ilham-mexmut.JPG توكيودىكى تەيۋەننىڭ ئولىمپىككە قاتنىشىش مەسىلىسى يىغىنىدا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2017-يىلى مارت.
RFA/Qutluq

توكيودا چاقىرىلغان 2020-يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەيۋەننىڭ «تەيۋەن» دېگەن دۆلەت نامى بىلەن قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان ۋە يىغىندا سۆز قىلغان. كەچ سائەت بەش يېرىمدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر داۋام قىلغان يىغىن ياپونىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ يېنىدىكى يىغىن زالىدا چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىنغا ھەر ساھە كىشىلىرىدىن كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشقان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 2020-يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا تەيۋەننىڭ «تەيۋەن» دېگەن دۆلەت نامى بىلەن قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇيۇشمىسىنىڭ توكيودا چاقىرىلغان قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ سۆز قىلغان.

مەزكۇر پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت يىغىن ھەققىدە توختالدى.

ئىلھام ماھمۇت يىغىندا تەيۋەننىڭ مۇستەقىل دۆلەت نامى بىلەن ئولىمپىككە قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭمۇ ھەسسە قوشۇشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، توكيودا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەيۋەندىن كەلگەن ۋەكىللەر، ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىنمۇ ۋەكىللەر قاتنىشىپ تەيۋەننىڭ 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا مۇستەقىل دۆلەت نامى بىلەن قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارىدىغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئىلھام ماھمۇتنىڭ دېيىشىچە، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان تىبەت ۋەكىلى پروفېسسور پىما گارپۇر سۆز قىلىپ، بۈگۈنكى يىغىندا پۈتۈنلەي تەيۋەن تىلىنىڭ قوللىنىلغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مەيلى گومىنداڭ ۋە ياكى خىتاي كومپارتىيەسى بولسۇن، ھەر ئىككىلا ھاكىمىيەت ئۆزىدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى يوقىتىش ئۈچۈن كۆپ خىل سىياسەتلەرنى ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، ئاقىۋەتتە يەنىلا ئۇلارنىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەش پۇرسىتىنىڭ چوقۇم قولغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەيۋەن ئىشلىرى كۆزەتكۈچىلىرىدىن ئارىكاۋا تەيۋەننىڭ مۇستەقىل دۆلەت نامى بىلەن ئولىمپىككە قاتنىشىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ:«ئەلۋەتتە تەيۋەن ئۆز نامى ئولىمپىككە قاتناشسا بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش. بىراق، بۇ مەسىلىدە ئالدى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ ھەقتە مەخسۇس قارار ماقۇللىشى كېرەك. بولمىغاندا بۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مېنىڭچە مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

قانۇن ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ياماگاجو بۇ ھەقتە توختىلىپ: «تەيۋەننىڭ ئۆز دۆلەت نامى بىلەن ئولىمپىككە قاتنىشىشى، ئەلۋەتتە خەلقئارا نىزامنامىلەرگە ماس ھالدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتۈشى كېرەك. مېنىڭچە، ياپونىيە بۇ مەسىلىدە خىتاي تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ھازىرچە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا چاقىرىش كېرەك» دېدى،

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياپونىيەنىڭ تەيبىيدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئەسلىدىكى «تەيبىي-ياپونىيە ئىش بېجىرىش ئىشخانىسى» دېگەن نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ «تەيۋەن-ياپونىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىشخانىسى» دېگەن يېڭى نامغا ئۆزگەرتكەن ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياپونىيە تەرەپكە بۇ ھەقتە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.