تورونتودا نامايىش: غۇلجا قىرغىنچىلىقى ئۇنتۇلمايدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز رۇقىيە
2015-02-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
تورونتودا نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش
تورونتودا نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Ruqiye


بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى 1997 - يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن «غۇلجا ۋەقەسى» گە 18 يىل بولغان كۈن. ھەر يىلى 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا كېلىپ نامايىش قىلىپ كەلمەكتە.

كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 5 - فېۋرال «كانادا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتاي كونسۇلى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.

نامايىش ئۇيۇشتۇرغۇچىسى، «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ رەئىسى ھاجى مامۇت ئەپەندىم «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى ئۇنتۇماسلىقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە توختىماي قارشىلىق كۆرسىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى» نىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشتى ۋە نامايىش قىلىشنى توختاتماي ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى جاكارلاشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ۋەتەن سىرتىدا تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى توختاتمىغاندىلا، خىتاينىڭ «قارشىلىقلارنى ئاز بىر ئوچۇم ئۇيغۇرلار ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار بىزگە قارشى ئەمەس» دېگەن سەپسەتىسىنى بىتچىت قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا ئەينى يىلى غۇلجا ۋەقەسىگە قاتناشقان ھايات شاھىت تاھىر ئەپەندىممۇ قاتناشتى.

ئۇ ئەينى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويمىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قارشىلىق كۆرسىتىشنى توختىتىپ قويمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. نامايىش سائەت ئىككىدىن تۆتكىچە داۋاملاشتى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت