تۈركىيە باش مىنىستىرى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلدى، قىزىلئاي تەشكىلاتى ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017-06-12
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
ھىدايەتۇلاھ ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى بىلەن بىرگە. 2017-يىلى ئىيۇن، تۇركىيە.
ھىدايەتۇلاھ ئوغۇزخان ئەپەندى تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى بىلەن بىرگە. 2017-يىلى ئىيۇن، تۇركىيە.
RFA/Erkin Tarim

رامزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىغا بەرگەن زىياپىتىگە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىمۇ تەكلىپ بويىچە قاتناشتى.

ھىدايەتۇلاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بەرگەن ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يازمىنى ئۆزىگە بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ياردەم تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان قىزىلئاي تەشكىلاتىنىڭ قەيسەرى تالاش شۆبىسى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ياشاۋاتقان 350 ئائىلە مۇساپىر ئۇيغۇرغا ياغ، ئۇن، گۈرۈچ ۋە تازىلىق بۇيۇملىرىدىن تەركىب تاپقان ياردەم بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بەردى. 3 چوڭ ئاپتوموبىلغا لىق قاچىلانغان مەزكۇر بۇيۇملارنى قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ۋاكالىتەن ئەمىن قارى قاتارلىق كىشىلەر تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بىر تۇتاش ھالدا 350 ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. 

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىزىلئاي تالاس شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئۈنال يۈكسەل ئەپەندى قەيەردە ياردەمگە موھتاج ئىنسانلار بولسا، شۇ يەردە قىزىلئاي تەشكىلاتىنىڭ بارلىقىنى، تۈركىيەدە پاناھلىق تىلىگەن مۇساپىرلارغا داۋاملىق ياردەم بۇيۇملىرى تارقىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، رامزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ قېتىم قەيسەرىدىكى 350 مۇساپىر ئائىلىگە ياردەم بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

6-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈرك قىزىلئاي تالاس شۆبىسى ئېلىپ كەلگەن بۇ ياردەم بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، شۇ كۈنى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىپ بەرگەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، مۇساپىرلارغا ۋاكالىتەن ياردەم تارقىتىشقا قاتناشقان ئەمىن قارى ۋە ياردەمنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. 

قىزىلئاي تەشكىلاتى تالاس شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئۈنال يۈكسەل ئەپەندى ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ھەر دائىم ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈرك قىزىلئايى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قەيەردە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر بولسا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىۋاتىمىز. بۇ يىلمۇ ئىراقتىن كەلگەن تۈركمەنلەرگە، سۈرىيەدىن كەلگەن تۈركمەنلەرگە ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىۋاتىمىز. قاچان بىر نەرسىگە ئېھتىياجى بولسا، بىزگە ئىلتىماس قىلسا ئىمكانىيىتىمىز يار بېرىشىچە ياردەم قىلىشنى داۋام قىلىمىز.»

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ياردەم بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بەرگەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ھەر يىلى بولغىنىدەك، بۇ يىلمۇ تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ياردەم تەشكىلاتى قىزىلئاي ئارقىلىق ياردەم بۇيۇملىرى ئېلىپ كېلىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

ياردەمنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن بىرى بولغان ئېمىن قارى، ئۇن، ياغ، گۈرۈچ ۋە سوپۇن قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ يېتىم-يېسىر، قېرى، كېسەلمەن ۋە تۇل ئاياللارغا تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 2014- 2015-يىللىرى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 7 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن 2000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە دۆلەت ۋاقىتلىق بەرگەن ئۆيلەردە تۇرماقتا. بۇلار 2 يىلدىن بېرى بەزى رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغاچقا ئىشلىيەلمەي كەلگەن ئىدى. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ئىشلەش رۇخسىتى تەستىقلانغاندىن كېيىن، ھازىر كۆپ ساندا ئۇيغۇر خىزمەت تېپىپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى قامدىماقتا.سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى. ئىمىن قارى ئەپەندىمۇ ھازىر قەيسەرىدە 150-160 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ خىزمەت تېپىپ ئۆز تۇرمۇشىنى قامداۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. 

تەن سالامەتلىكى يار بەرمىگەچكە بىر يەردە خىزمەت تېپىپ ئىشلىيەلمەيۋاتقان دىلشات ئەپەندى ياردەم بۇيۇملىرىدىن ئۆزىگىمۇ تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى، ئىككى يىلدىن بېرى ئۆزلىرىگە بۇنداق ياردەمنى قىلىۋاتقان تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ۋە تۈرك خەلقىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. 

تۈركىيە دۆلىتىگە قاراشلىق قىزىلئاي تالاس شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئۈنال يۈكسەل ئەپەندى يېقىندا ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ئىپتار زىياپىتى بېرىدىغانلىقىنى، زىياپەت جەريانىدا ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ، نېمىگە ئېھتىياجى بولسا ئۇنى بېرىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز يېقىندا ئۇلارغا ئىپتار زىياپىتى بېرىمىز. ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەيمىز. پەقەت ئاشلىقلا ئەمەس، نېمە لازىم بولسا ئۇنى بېرىمىز. كېسەل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كارىۋات تەلەپ قىلدى، دەرھال بۇنى ئاپىرىپ بېرىمىز. ھەر دائىم ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم قولىمىزنى ئۇزىتىمىز.» 

تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار تۈركىيە قىزىلئاي تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۆتكەن يىلمۇ 7 توننا ئەتراپىدا ياردەم بۇيۇمى ئەكېلىپ بەرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت