تۈركىيە، پۇقرالىققا ئېلىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017.01.12
musapir-uyghur-heytliq-1.jpg IHH ۋەقپى مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىغا ھېيتلىق كىيىم-كېچەك ۋە پۇل تارقىتىپ بەردى. 2015-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە «ھۆكۈمەت گېزىتى»نىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ پۇقرالىققا قوبۇل قىلىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.

بۇ خەۋەردە دېيىلىشىچە تۈركىيەگە مەبلەغ سالغان، مۇقىم مۈلۈك سېتىۋالغان، ئىگىلىك تىكلەپ خىزمەتچى ئىشلەتكەن، تۈركىيەدىكى بانكىلارغا پۇل قويغان ۋە دۆلەتنىڭ قەرز پاي چېكىنى سېتىۋالغان چەتئەللىكلەرنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىدىكەن. قانچىلىك مەبلەغ سالغانلارنى پۇقرالىققا قوبۇل قىلىدۇ؟ بۇ شەرتلەرگە توشىدىغان ئۇيغۇرلار بارمۇ؟ بۇ قانۇندىن ئۇيغۇرلار قانداق پايدىلىنالايدۇ؟ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىمىز دەپ يۈرگەن ئۇيغۇرلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى ھۆكۈمەت گېزىتىدىكى يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئوقۇغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارمۇ پايدىلانسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى ھۆكۈمەت گېزىتىدىكى يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئوقۇغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يېڭى بەلگىلىمىدە، بىرىنچىدىن، كەم دېگەندە 2 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە تۇراقلىق ئىقتىساد مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان بولۇشى؛ ئىككىنچى، كەم دېگەندە بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى مۇقىم مۈلۈكنىڭ ئىگىدارچىلىق خېتىگە ئۈچ يىل ساتماسلىق ئىزاھاتىنىڭ يېزىلىشى كېرەك ۋە بۇ، مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-جەمئىيەت تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان بۆلىشى كېرەك؛ ئۈچىنچى، كەم دېگەندە 100 ئادەمگە ئىش بەرگەن بۆلىشى؛ تۆتىنچى، كەم دېگەندە ئۈچ مىليون دوللارنى تۈركىيەدىكى بانكىلارغا قويغانلىقىنىڭ ئىسپاتلانغان بۆلىشى؛ بەشىنچى، كەم دېگەندە 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى دۆلەت قەرزى چېكىنى ئۈچ يىل تۇتۇپ تۇرغانلىقى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان بولۇشى كېرەك، ئەنە شۇ شەرتلەر ئورۇنلانسا، تۈركىيە گراژدانلىقىغان قوبۇل قىلىنىدىكەن.»

2009-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيەگە كېلىپ، مال-مۈلۈك سېتىۋېلىۋاتقان، تۈركىيەدە ئاشخانا ۋە شىركەتلەرنى ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى، يەنى ئىقامەت بىلەن تۇرماقتا. ئۇنداقتا يېڭى بەلگىلىمىلەردىكى شەرتلەرگە توشىدىغان ئۇيغۇرلار بارمۇ؟ بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى، بۇ شەرتلەرگە توشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندى بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداش مىللەت دەپ قارىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قارارى بىلەن گراژدانلىققا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، ھازىر تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ گراجدانلىق ئىشىنىڭ قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا گراجدانلىق بېرىش سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشنى خالايدىغان ئۇيغۇرلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا توختالدى.

تۈركىيە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن 2010-يىلى 3000 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا ۋەتەنداشلىق، يەنى گراژدانلىق بېرىلمىدى. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان ھازىر تۈركىيەدە ۋەتەنداشلىققا ئۆتۈشنى كۈتۈۋاتقان 10 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.