تۈركىيە ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى ئالدى

0:00 / 0:00


تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى تۈرك ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى.

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچ سائەت 7 دە تۈركىيەنىڭ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى پروفېسسور دوكتور نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى ئىستانبۇلدىكى ئەمىرگان باغچىسىنىڭ ئىچىدىكى بېياز كۆشك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار زىياپىتىدىن بۇرۇن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى پىكرىنى ئالدى.

د ئۇ'ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىت» مۇئاۋىن رەئىسى ئابۇلخەمىت ئىلكتۈرك ئەپەندى ۋە «شەرقىي تۈركىستان فوندى» باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىلەرمۇ قاتناشقان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى. باش مىنىستىر مۇئاۋىنى پروفېسسور دوكتور نۇمان قۇرتۇلمۇش رىياسەتچىلىك قىلغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا تۈركىيە باش مىنىستىرلىككە قاراشلىق چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى باشلىقى قۇدرەت بۈلنۈل ئەپەندى، بەزى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى خاتىرىلەپ ماڭدى.

پروفېسسور دوكتور نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى يىغىن ئۈستىدە
پروفېسسور دوكتور نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى يىغىن ئۈستىدە


ئالدى بىلەن بۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيەدىن كەلگەن ئەركىن ئالىپتېكىن سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى كۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاش ۋە بۇنى ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەش ئۈچۈن بۇنداق بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا دوكلاتنى باش مىنىستىر مۇئاۋىنى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندىگە بەردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، پروفېسسور

دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، دوكتور ئاتاۋۇللا شايار، پروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباي قاتارلىق 13 ئەتراپىدا ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن دۆلەت سىياسىتى بەلگىلەپ چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مۇنبىرى ئۇيۇشتۇرغان ئىپتار زىياپىتى باشلاندى.

بۇ زىياپەتكە كۆپ ساندا ئاخبارات ئورگانلىرى مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇل، قەيسەرى، ئەنقەرە ۋە ئىزمىردىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 350 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.