تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ «تېررورلۇق» ۋە «قانۇنسىز كۆچمەنلەر» گە قارشى ھەمكارلىقى د ئۇ ق نى بىئارام قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.04.28
mewlut-chawushoghlu-wang-yi.jpg تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. 2016-يىلى 27-ئاپرېل، بېيجىڭ.
AFP

تۈركىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پاناھلىق بېرىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن، ئەمما خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا قىلغان سۆزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى بىئارام قىلغان. چاۋۇشئوغلۇ خىتاي بىلەن تېررورلۇق ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا تۈركىيە زېمىنىنى بازا قىلىپ، خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان پائالىيەتلەرگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، چاۋۇشئوغلۇ يەنە قانۇنسىز كۆچمەنلەر، تېررورلۇق ۋە ش ت ئى ھ گە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي سىياسىتى خىتاي-تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا بىر مەھەل ئىختىلاپ پەيدا قىلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. خىتاي ئىلگىرى تۈركىيەنى مۇساپىرلار مەسىلىسىدە قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، چاۋۇشئوغلۇ بۇ سۆزلەرنى چارشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان. چاۋۇشئوغلۇ 27 ۋە 28-ئاپرېل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئۆز- ئارا ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش» نامىدىكى بىر خەلقئارا يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن ئىدى.

بىز تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلىپ، چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۆزىنى دەلىللەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلار ۋاقتىدا جاۋاب بەرمىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئاخبارات ئەمەلدارى سوئالىمىزغا تېلېفوندا جاۋاب بەرمەيدىغانلىقىنى، سوئالىمىز بولسا ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. بىز سوئالىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق يوللىغان بولساقمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىدى.

د ئۇ ق بولسا چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۆزىگە نىسبەتەن سوغۇق قان مۇئامىلە تۇتتى. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر جان، چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۆزىگە ئالدىراپ باھا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ «ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى ئويلاش بىر ئاز تەس» دەيدۇ.

ئەنۋەر جان: «ئۇ خەۋەرنى ھەقىقەتەن قانداق دېيىلدى، ئۇنى بىر ئۇقۇشىمىز كېرەك. ئۇنىڭغا قارىماي بىر نەرسە دېيىشىمىز ھازىرچە توغرا ئەمەس، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، تۈركىيە ھازىرغا قەدەر بىزنىڭ يۇرتداشلىرىمىزنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ھازىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ نېمە دېگىنىنى، راست ئۆزۈم تىڭشىماي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىشىم توغرا بولمايدۇ.

ئامما مېنىڭ دەيدىغىنىم، ئۇ گەپ بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى قەست قىلغانلىقىنى ئويلاش بىر ئاز تەس. چۈنكى، ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بارغىنى دەل بۇنىڭ تەتۈرى.

بىراق ئەنۋەر جان ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلگەچكە، ئۇ ھەر قانداق دۆلەت بىلەن بۇ ساھەدە ھەمكارلاشسا، «دىققىتىمىزنى قوزغايدۇ» دېدى.

ئەنۋەر جان مۇنداق دېدى: «بۇ د ئۇ ق ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىئارام قىلىدىغان مەسىلە. چۈنكى، خىتاي ھازىر ئەڭ ئەقەللىي ئۆز ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بىر ئىنساننىمۇ تېررورچى دەۋاتىدۇ. خىتاينىڭ نەزىرىدە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكى تېررورچى. ھەتتا بىزنىڭ د ئۇ ق نىڭ ئىچىدىكى بەزى سەپداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ تېررورچى، دەپ ئېلان قىلغان تىزىملىكىدە بار. بۇ ئىنسانلار مەيلى ئامېرىكىدا بولسۇن، مەيلى ياۋروپانىڭ گېرمانىيە، شىۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلىرىدە بولسۇن، بۇ يەردە سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان، پاناھلىق ئەرزى قوبۇل قىلىنغان، شۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇقراسى بولغان ئىنسانلار.»

ئەمما تۈركىيەدىكى «شەرقى تۈركىستان خەۋەرلەر ۋە تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندى، چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۆزى تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، «تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ھوقۇقى قانۇندا قوغدىلىدۇ» دەيدۇ.

ھامىت كۆكتۈرك: «بۇ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئەمەس. چۈنكى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا 2000‏-يىلدىن بۇرۇنلا مۇشۇنداق مەسىلىلەر ھەر ۋاقىت كۈنتەرتىپكە كېلىپ تۇرىدۇ. تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى گۇرۇھلار تۈركىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە تۈركىيەنىڭ جامائەت، ئاممىۋى تەشكىلاتلار قانۇنىغا ئاساسەن قۇرۇلغان تەشكىلاتلار. تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نامزات، دېموكراتىيە ئۆلچىمى ناھايىتى يۇقىرى دۆلەت. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇندا باشقىلار قانداق پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇرلار بۇ يەردە ئوخشاشلا شۇ ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە» دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىككى دۆلەتنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇق گۇرۇھلارغا قارشى بىرگە كۈرەش قىلىدىغانلىقى، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى توسىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ھامىت گۆكتۈرۈك ئەپەندى، خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە تېررورلۇق مەسىلىسىنى پەرقلىق چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ تېررورلۇق ئۇقۇمى بىلەن تۈركىيەدىكى تېررورلۇق ئۇقۇمى ئايرىم. ئۆزىنىڭ پىكرىنى قورال كۈچى بىلەن، شىددەت يولى بىلەن باشقىلارغا مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇشنى تېررورلۇق دەيمىز. تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى قوراللىق تەشكىلاتلار ئەمەس. بۇلار قانۇن بىلەن قۇرۇلغان تەشكىلات. ئىپادە ئەركىنلىكى دېگەن بىر نەرسە بار. لېكىن، خىتاي ئۆزىگە قارشى ھەر قانداق سۆز ۋە ھەرىكەتنى تېررورلۇق دەپ ئاتاۋاتىدۇ. يەنى دۇنيادىكى تېررورلۇق ئۇقۇمى بىلەن خىتاينىڭ تېررورلۇق ئۇقۇمى باشقا-باشقا، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.»

تۈركىيە 2015‏-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا روزا تۇتۇشنى چەكلىگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ خىل چەكلىمىنىڭ تۈرك ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئىدى. تۈركىيەنىڭ ئىنكاسى خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىم چاۋۇشئوغلۇ «تۈركىيە بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى كۈرەش قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئەندىشىسىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەر قانداق كىشىنىڭ تۈركىيەنى بازا قىلىپ، خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويمايدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.