تۈرك ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا قايتۇرۇۋېتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.05.24
qayturuwetilgen-turk-sayahetchi-1.jpg

ئۈرۈمچى ئايرودرومدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن تۈرك ساياھەتچىلەر ئايرودرومدا. 2016-يىلى 21-ماي، ئالماتا. RFA/Erkin Tarim

qayturuwetilgen-turk-sayahetchi-2.jpg

ئۈرۈمچى ئايرودرومدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن تۈرك ساياھەتچىلەر ئايرودرومدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. 2016-يىلى 21-ماي، ئۈرۈمچى. RFA/Erkin Tarim

qayturuwetilgen-turk-sayahetchi-3.jpg

ئۈرۈمچى ئايرودرومى. 2016-يىلى 21-ماي، ئۈرۈمچى. RFA/Erkin Tarim

qayturuwetilgen-turk-sayahetchi-4.jpg

ئۈرۈمچى ئايرودرومدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن تۈرك ساياھەتچىلەر ئالماتادا. 2016-يىلى 21-ماي. RFA/Erkin Tarim

كېيىنكى يىللاردا بولۇپمۇ 2014-يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ساياھەت توختامنامىسى تۈزۈلگەندىن بۇيان، تۈركىيەگە كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ساياھەتچىلەر بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىۋاتقان تۈرك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. ئۇيغۇر دىيارىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئۈچۈن بارغان ئىلىم ئادەملىرى، دۆلەت كادىرلىرى ۋە ئىنژېنېرلاردىن تەركىب تاپقان 15 كىشى، ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا ئايرىم ئۆيگە سولاپ، 8 سائەت توختىتىلغاندىن كېيىن قايتۇرۇۋېتىلدى.

ئۆتكەن شەنبە كۈنى بىر ساياھەت شىركىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ساياھەت ئۆمىكى بىلەن ئۈرۈمچى ئايرودرومىغا بارغان 15 كىشىلىك ساياھەت ئۆمىكى ئۈرۈمچىدىن قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە قايتۇرۇۋېتىلدى. بۇ ساياھەت ئۆمىكىنى ئۇيۇشتۇرغان قادىر توسۇن ئەپەندى، تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدا يېشىل پاسپورتقا ۋىزا تەلەپ قىلماسلىق توختامنامىسى بولسىمۇ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن قايتۇرۇۋېتىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى تارتىۋاتقان زۇلۇمنى كۆرۈپ قېلىشىدىن قورققانلىقىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

قادىر توسۇن ئەپەندى بۇ ئېكسكۇرسىيىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئون ئايدىن بۇيان تەييارلىق قىلغانلىقىنى، پەقەتلا ساياھەت قىلىش مەقسىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: « بىز شەرقىي تۈركىستانغا بۇ ساياھەت ئۆمىكىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئون ئايدىن بۇيان تەييارلىق قىلىۋاتاتتۇق. بۇ ساياھەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن 46 كىشى ئىلتىماس قىلغان ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ ئۇ يەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىدىن قورققاچقا كۆپى يېنىۋالدى. ئاخىرىدا بىز 23 كىشى بېرىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلدۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدە 8 كىشىنىڭ پاسپورتى نورمال پاسپورت بولغاچقا ۋىزا بەرمىدى. قالغان 15 كىشى دۆلەت كادىرى بولغاچقا ۋىزىسىز پاسپورت بىلەن 21-ماي كۈنى ئىستانبۇلدىن ئۈرۈمچىگە ماڭدۇق. ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا بىزگە بەك قوپال مۇئامىلە قىلدى. بىزنىڭ ئارىمىزدا مىنىستىرلىقلاردا ئىشلەيدىغان باشقارما مۇدىرلىرىمۇ بار ئىدى. ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىكى ساقچىلار پاسپورتىمىزنى تارتىۋالدى.»

قادىر توسۇن ئەپەندى ساقچىلارنىڭ پاسپورتلىرىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، بىر ئۆيگە سولاپ قويۇپ، بىر يېرىم سائەت ساقلاتقاندىن كېيىن چېگرادىن كىرەلمەيدىغانلىقىنى دېگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: « پاسپورتلىرىمىزنى ساقچى تارتىۋالدى. بىزنى ئايرىم بىر ئۆيگە سولىدى. بىزنى بىر يېرىم سائەت ساقلاتقاندىن كېيىن بىزنىڭ خىتايغا يەنى شەرقىي تۈركىستانغا كىرەلمەيدىغانلىقىمىزنى، قايتۇرۇلىدىغانلىقىمىزنى دېدى. تۇنجى ئايروپىلان بىلەن بىشكەككە يولغا سېلىپ قويىدىغانلىقىنى دېگىنىدە قوبۇل قىلمىدۇق. بېيجىڭدىكى تۈرك ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، شەنبە كۈنى بولغاچقا ئۇلار خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئادەم تاپالمىدى. بىزگە بەك قوپال مۇئامىلە قىلدى، تاھارەتكىمۇ خىتاي ئەسكەرلەرنىڭ نازارىتى ئاستىدا باردۇق.»

قادىر توسۇن ئەپەندى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا 8-10 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىگە يولغا سېلىپ قويغانلىقىنى، ئۆزلىرىنى ئالغىلى چىققان ئۇيغۇر بالىنى خىتاي ساقچىسىنىڭ ئۇرۇپ سولاپ قويغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: « بىزگە بولغان مۇئامىلىسى بارغانسېرى يامانلىشىشقا باشلىدى. ھەممىمىزنىڭ بېشىغا بىردىن ساقچى قويدى. تاھارەتكىمۇ ساقچى نازارىتىدە بېرىشقا باشلىدۇق. تاھارەتخانا ئىشىكىدىمۇ ساقچى ساقلىدى. بىز ئۇ يەردە 10 سائەت ساقلىدۇق. بىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن بىر ئۇيغۇرنى خىتاي ئۇردى ۋە كىملىكىنى تارتىۋالدى. بىز كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بېشىغا نېمىلەر كەلدى بىلمەيمىز. ئەتىسى كۈنى ئەتىگەن بىزنى قازاقىستانغا يولغا سالدى. ئايروپىلانغا چىقىدىغان ۋاقتىمىزدا نامەھرەم يېرىمىزگىچە ئاختۇردى. بىزگە تېررورچىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلدى. خىتاي دۆلىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىيىلىك توختامنامىگە ھۆرمەت قىلماستىن، بىزنى قوغلاپ چىقاردى. »

بۇ ساياھەت ئۆمىكىنى ئۇيۇشتۇرغان قادىر توسۇن ئەپەندى خىتاينىڭ ئۆزلىرىنى تۈرك ئوجاقلىرى ئەزاسى ئىكەنسىلەر دەپ رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى دېگەنلىكىنى، 15 كىشى ئىچىدە پەقەتلا بىر كىشىنىڭ تۈرك ئوجاقلىرى ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: « تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا ئىكەنسىلەر دېدى، ئەسلىدە ئۇنداق ئىش يوق. تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا ئوسمان ئوكتاي نامىدا بىرلا كىشى بار ئىدى. بىز تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئەزاسى ئەمەس. خىتاينىڭ بىزنى كىرگۈزمەسلىكىدىكى سەۋەب، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمنى بىزنىڭ كۆرۈشىمىزنى خالىمىدى. زۇلۇمنى كۆرۈپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلاپ قويۇشىمىزدىن قورقتى.»

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ ۋىزا تەلەپ قىلىش ھەققى يوق يېشىل پاسپورتى بار 15 كىشىنى قايتۇرۇۋېتىشىنىڭ دىپلوماتىيەلىك توختامنامىگە خىلاپ ئىكەنلىكى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي دۆلىتىنىڭ تۈرك ئاكادېمىكلارنى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ھەقسىزلىكلەرنى ئاشكارىلاپ قويۇشىدىن قورقۇپ كىرگۈزمىگەنلىكىنى، ئامېرىكىلىق، كانادالىق ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا بارغانلارغىمۇ مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.