تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار قانداق ئالدىنىپ قېلىۋاتىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018.01.05
hejge-kelip-aldanghan-er-ayal.png ھەج قىلىش ئۈچۈن ئەرەبىستانغا ۋىزا ئېلىش يولىدا ئىستانبۇلدا ئالدانغان ياشانغان ئۇيغۇر ئەر-ئايال.
RFA/Abduweli Ayup

2006-يىلى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدامچىلارنىڭ دامىغا چۈشكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. 2017-يىلى نويابىردا بىر جۈپ ياشانغان ئەر-ئايالنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ قىلغان شىكايىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالدى. ئېيتىلىشىچە، ھەج قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان بۇ ئىككىيلەن 2017-يىلى ئاپرېلدا باشقا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئىستانبۇلدا ئەرەبىستانغا ۋىزا ئېلىش يولىدا ئالدانغان. بۇ مەسىلىنى يىپ ئۇچى قىلىپ تەكشۈرگىنىمىزدە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالدانغانلارنىڭ، ھەتتا قويمىچىلارنىڭ قولىدا قاقسەنەم بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكى بايقالدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار قانداق ئالدىنىۋاتىدۇ؟ ئالدىنىش سەۋەبلىرى نېمە؟ ئالدانغانلار ھەققىنى قانداق قوغدىيالايدۇ؟ ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك، دېگەن سوئاللار ھەققىدە ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. 

يىگىرمە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۆلىما، «ئەۋلاد گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرانتى ئاتاۋۇللا فاكىرۇللا ئەپەندى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ئالدامچىلىقلارنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭچە، تۈركىيەدە ھەجگە يوللاش ئالدامچىلىقى، سۈرىيەگە ھىجرەت ۋە جىھادقا چاقىرىش ئالدامچىلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدىن بىتكوىندا پۇل يۆتكەش ئالدامچىلىقى ۋە ئۇيغۇر ئەخلاقىغا زىت بولغان ئېغىزغا ئالغۇسىز ئالدامچىلىق تۈرلىرى مەۋجۇت ئىكەن.

ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى ئۆزى ئۇچراتقان ئالدامچىلىقلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ كۆزىتىشىچە، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئۆي ئېلىش، ئىقامەت بېجىرىش، پاسپورت ئېلىش، ۋىزا بېجىرىش، چېگرادىن قانۇنسىز چىقىش، تۈرك پراۋىسى ئېلىش، ساقچى قىياپەتلىك كىشىلەردىن قورقۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئالدانغانلار كۆپرەك ئىكەن. بىر قىسىم يەرلىك تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى بىۋاسىتە ئالدىسا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تەرجىمانلىق قىلىپ ئالدامچىلىققا شېرىك بولغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە ئالدىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە «ئۇيغۇريار فوندى» نىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋەكىلى باتۇر قاراخانلى ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مۇستەبىت تۈزۈمى شارائىتىدا شەكىللەندۈرگەن ھەممە ئىشنى قائىدە بىلەن ئەمەس، پۇل بىلەن بېجىرىش خاھىشى، توختاملاشماسلىق سەۋەنلىكى، ھۆكۈمەتتىن قورقۇش پسىخىكىسى، قانۇننى بىلىشكە ئىنتىلمەسلىكى، ئالدىنىشتىن بۇرۇن ھېچ كىمگە مەسلىھەت سالماي، تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەي، ئاشكارىلىقتىن قورقۇشى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەسلىك كەيپىياتى ئۇلارنى ئالدىنىشقا ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

ئاتاۋۇللا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر جامائىتى ۋە تەشكىلاتلار بۇنداق ئالدامچىلىقلارغا سۈكۈت قىلماسلىقى، جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر ئالدامچىلارنىڭ سوراقسىز قېلىشى، تۈركىيەدىكى داۋا ئىشلىرىنىڭ سوزۇلۇپ كېتىشى، زىيانلانغۇچىلارنىڭ زىيادە قورقۇنچاقلىقى ۋە ئالدامچىلاردىن تامايىنى ئۈزەلمەسلىكى سەۋەبلىك ئالدانغانلاردىن ھەققىنى قوغدىيالىغانلار ساناقلىق ئىكەن.

زىيارىتىمىز جەريانىدا بىز بىلەن ئۇچراشقان، ئەمما ئاۋازى ۋە ئىسمىنى بېرىشنى خالىمىغان زىيانلانغۇچىلار ئالدامچىلارنى تۈركىيەدىكى ساقچى ئورگانلىرى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە قارا قوللار ئارىسىدا تەسىرى بار دەپ قارايدىكەن.

تۈركىيەدىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئالدامچىلار كۆپىنچە تېبابەت ۋە دىنىي تونغا ئۇرۇنۇۋالغان كىشىلەر بولۇپ ئۆيىدىن دورا، ئاغزىدىن ئاللاھنى كەم قىلمايدىكەن. تۇنجى قېتىم پاش قىلىنغان ئالدامچىلىق دېلوسى 2006-يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ ئەنۋەرجان دوختۇر ئىسىملىك بىر تېۋىپ ساختىپەزلىك جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ۋە تۈركىيەدىكى داڭلىق قاناللار ۋە گېزىتلەردە سازايى قىلىنغان. 2016-يىلى 192 ئۇيغۇرنى دىنىي تونغا ئورۇنىۋالغانلار ئالداپ كەتكەن. بۇ 192 ئۇيغۇر ساختا قىرغىزىستان پاسپورتى بىلەن ئۆمرى ھەج قىلىشقا مېڭىش يولىدا ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا تۇتۇلۇپ قالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇشى كېرەك بولغان تېبابەت بىلەن روھىنى قۇتقۇزىدىغان ئېتىقادنىڭ ئالدامچىلارنىڭ دەسمايىسىگە ئايلىنىپ قېلىشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.