تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرۇش رۇخسىتى بېرىش بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017-06-14
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ بىرى. 2017-يىلى ئاپرېل، تۈركىيە.
تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ بىرى. 2017-يىلى ئاپرېل، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ كۆچۈپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.

بۇ ئۇيغۇرلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى تۈرك ۋەتەنداشلىقىغا قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىش، يەنى تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش كىنىشكىسى بېرىش بەلگىلىمىسىنى چىقاردى. بۇ بەلگىلىمە پەقەتلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چىقىرىلغانمۇ؟ دەپ سورىسىڭىز، بۇنىڭ جاۋابى «ياق». چۈنكى بۇ بەلگىلىمە ئۇيغۇرلاردىن باشقا، بۇلغارىيەدىن كەلگەن تۈركلەر، گرېتسىيەنىڭ غەربىي تىراكيا رايونىدىن كەلگەن تۈركلەر، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئىستالىن باشقۇرغان 1944-يىلىدا بۈگۈنكى گرۇزىيەدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرگۈن قىلىنغان ئاغىسكا تۈركلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تۈرك قان سىستېمىسىدىن كەلگەن بۇ كىشىلەر ئۆزىنىڭ تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتلەرنى تاپشۇرسا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىلىدىكەن. بەلگىلىمىدە 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سىياسەتتىن پايدىلانالايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى مۇستافا ئارىقان ئەپەندى، بۇ ھەقتە كۆپ يول ماڭغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تۈركىي مىللەتلەرگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بېرىش باشلاندىمۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا مۇستافا ئارىقان ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئىلتىماس قىلىش باشلاندى، ھازىر ئېلىۋاتىمىز. ئاغىزكا تۈركلىرى ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى، بۇلغارىيە ۋە گرېتسىيەدىن كەلگەن تۈركلەرنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىۋاتىمىز».

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاغ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ قارار ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك نوپۇسىغا ئۆتۈشىگە تاشلانغان بىرىنچى قەدىمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆتكەن ئاي خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش توختامنامىسىگە قول قويغان ئىدى. بۇنداق بىر مەزگىلدە ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈركىيەدە تۇرۇش كىنىشكىسى بېرىش بەلگىلىمىسى چىقىرىشى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش سىياسىتىمۇ؟ تۈركىيە ئىستىراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۇ ھۆججەتنىڭ چىقىرىلغان ۋاقتىغا قارىغاندا ئۇنداق بىر ئېھتىمالنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيە-بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. بۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە دېموكراتىيە يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقان خەلقئارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىشقا تىرىشىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشە قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدە يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، 2010-يىلى 3 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرغا ۋەتەنداشلىق بەرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت