ئاتاقلىق تۈركىيە ئوبزورچىسى ئۆز ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى

تۈركىيەدىكى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمىدى» دەپ تەنقىد قىلدى.

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان «يېڭىچاغ» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى تىنماي داۋاملاشماقتا» ماۋزۇلۇق ئوبزور. (yenicaggazetesi.com.tr دىن سۈرەتكە ئېلىنغان)

«1-ئۆكتەبىر» كۈنى خىتايلار، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 68-يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەدىكى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمىدى» دەپ تەنقىد قىلدى.

2-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان «يېڭىچاغ» گېزىتىدە «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى تىنماي داۋاملاشماقتا» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى. ژۇرنالىست ئىسمائىل شاھىن ئەپەندى يازغان مەزكۇر ئوبزوردا، تۈركىيە جامائەتچىلىكىنىڭ دىققەت-ئېتىبارى شىمالىي ئىراقتىكى كەركۈك مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن بۈگۈنكى كۈندە «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» نىڭ كۆزدىن ساقىت قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىز ۋە تۈرك ھۆكۈمىتى كەركۈك دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى چېكىدىن ئاشتى. ئەلۋەتتە بۇ يېڭى بىر ئىش ئەمەس، لېكىن يېقىندىن بۇيانقى خىتاي سىياسىتى ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرى تۈسىنى ئالدى. ئۆتكەن كۈنلەردە بۇ خەۋەر تۈرك ئاخباراتلىرىدىمۇ ئورۇن ئالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مەسچىتلەردە مەنئى قىلغان دىنىي ئىبادەتنى، ئۆيلەردىمۇ چەكلىدى. شەرقىي تۈركىستاندا ئۆيلەردە قۇرئان ۋە جايناماز قويۇش چەكلەندى.»

ئوبزورچى ئىسمائىل شاھىن ئەپەندى، ئوبزورىدا خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى بۇنداق ئۇچىغا چىققان تۇرۇقلۇق، تۈركىيە ھۆكۈمىتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلمىغانلىقى» نى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بۇ ھەقتە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ھۆكۈمەت ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر بىر بايانات ئېلان قىلدىمۇ؟ مەن بۇنداق بىر بايانات ئاڭلاپ باقمىدىم، ئاڭلىغانلار بولسا ماڭا ئەۋەتسۇن.»

«يېڭىچاغ» گېزىتىدە 2-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى تىنماي داۋاملاشماقتا» ماۋزۇلۇق ئوبزوردا، خىتاينىڭ كېيىنكى 6 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئەقىلگە سىغمايدىغان بېسىم سىياسىتى قىسقىچە بايان قىلىنغان. ئىسمائىل شاھىن ئەپەندى، ئوبزورىنىڭ ئاخىرىدا بۇ بېسىملارنىڭ 14-ئەسىردە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەمەس، 21-ئەسىرگە كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى سىياسىي پارتىيەلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارىتا كېيىنكى يىللاردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنسىرەشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مەسىلەن 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. باياناتتا «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان روزى تۇتۇشنى چەكلەش ۋە دىنىي ئىبادەتنى چەكلەش سىياسىتى تۈرك جامائەتچىلىكىنى ئەندىشىگە سالماقتا، بۇ ئەنسىرىشىمىزنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكىگىمۇ يەتكۈزدۇق» دېيىلگەن. 2015-يىلى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇنداقتا ھازىر خىتاينىڭ بېسىمى چېكىدىن ئاشقان بۇنداق بىر پەيتتە نېمە ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە سىياسىي پارتىيەلەر بايانات ئېلان قىلمىدى. بۇ ھەقتە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئېغىر بېسىم كۆرۈۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلماسلىقىدىكى سەۋەبنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، ئەمما دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 1-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتتە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە تۈركىيەدە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى، ئاخباراتلاردا خىتايغا قارشى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدۇرمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرەلەرمۇ؟ كۈتاھيا دۇملىپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارلامېنتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. بىز ئۇيغۇر مەسىلىسى دېمەيمىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دەيمىز. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇنىڭ خىتايدا دېمەكچى بولغىنى سۈرىيەگە بارىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق بېرىشىغا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە رۇخسەت قىلمايمىز، دېدى. ئەمما خىتاي بۇنى بۇرمىلىدى. مەنچە تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى توسالمايدۇ، چۈنكى تۈرك خەلقى قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللايدۇ».

1-ئۆكتەبىر كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوبزورچى سەيفى شاھىن يازغان «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرئاننى چەكلىشى» ماۋزۇلۇق ئوبزورى «ئىستىقلال» تور گېزىتىدە، 1-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئادانا شەھىرىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر «خەۋەر» تور گېزىتىدە ېلان قىلىندى.