شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى» ئالقىشقا ئېرىشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017.10.14
shiwetsiye-uyghur-medeniyet-kechiligi-2017-1.JPEG شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى» دىن بىر كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 13-ئۆكتەبىر، سىتوكھولم، شىۋېتسىيە.
RFA/Ekrem

13-ئۆكتەبىر شىۋېتسىيەنىڭ سىتوكھولم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ بىر كۈنلۈك پروگراممىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كەچ سائەت 18:00 دىن باشلاپ بۇ كۇرسقا قاتناشقان 60 تىن ئارتۇق ۋەكىل بىلەن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى بىر يەرگە جەم بولۇپ «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

تولىمۇ قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە ھەر تۈرلۈك ئۇيغۇر تائاملىرى مەدەنىيىتى ھەمدە گۈزەل ئۇيغۇر سەنئىتى نامايان قىلىندى. پائالىيەتكە د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن رابىيە خانىم، ئۆمەر قانات، دولقۇن ئەيسا، نۇرى تۈركەل، دىلشات رىشىت، غەيۇر قۇربان ئەپەندىلەر ھەمدە ئۇ ن پ ئو ۋەكىللىرى، شىۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ھەم ئەزالىرى، شۇنداقلا پايتەخت سىتوكھولم ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار قاتناشتى. 

«ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى» پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن فارۇق سادىقوف ئەپەندى سۆزلىدى. فارۇق ئەپەندىنىڭ نۇتقىدىن كېيىن، ناخشا-سادالىرى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق چوڭ بايراقى سەھنىگە ئېلىپ چىقىلىپ قادالدى. كىشىلەر ھاياجان ئىچىدە گۈلدۈراس ئالقىشلار ياغدۇرۇشتى.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم پائالىيەت مۇقەددىمىسىدە سۆز ئېلىپ، شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە بولغان رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر تۈرلۈك زۇلۇملىرى ھەققىدە توختىلىپ، پۈتۈن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى يېقىندىن قوللاشقا چاقىردى.

شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى» پائالىيىتى د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى ۋە ياردىمى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇرچە ئۇسۇللار، ناخشىلار ئورۇنلىنىپ كىشىلەرنى ھاياجانغا سالدى. 

پائالىيەت جەريانىدا د ئۇ ق باش كاتىپى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر جامائىتىنى شىۋېتسىيەدە قانات يېيىۋاتقان پائالىيەتلەرگە پائال قاتنىشىشقا چاقىردى.

«ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى» پائالىيىتى كەچ سائەت 18:00-22:00 گىچە داۋام قىلدى. ئۇيغۇر جامائىتى شوخ ئۇسۇللارغا چۈشۈپ، كۆڭۈللىرىنى خۇش قىلىشتى. پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن سىرت، ئۆزبېك، قازاق، تاتار، تۈرك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارمۇ نۇتۇقلار سۆزلەپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە شېئىرلار دېكلاماتسىيە قىلىشىپ، قېرىنداشلىق كۈيلىرىنى ياڭراتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.