تۈركىيەنىڭ ئىككى ۋىلايىتىدە «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تېمىسىدا» دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2017-12-06
ئېلخەت
پىكىر
ھەمبەھر
پرىنت
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • پىكىر
  • ئېلخەت
دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى دوكلات بەرمەكتە. 2017-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.
دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى دوكلات بەرمەكتە. 2017-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ كۈتاھيا شەھىرىدىكى دۇملىپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئەسكىشەھىردىكى تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ زالىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

دۇملىپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئۇيۇشتۇرغان دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئىككى سائەت داۋاملاشقان دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»نىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2-دېكابىر كۈنى بولسا ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئەكرەم ئارىقوغلۇ ئەپەندى ئەسكى شەھىرىدىكى تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى تەسىراتلىرىم» تېمىسىدا دوكلات بەردى. دوكلات بېرىش يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا ئۆزىنىڭ 3 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا كۆرگەنلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ياردەم قولىنى ئۇزىتىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

دۇملىپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا دوكلات بەرگەن دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى، ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ۋە «ئۈچ ئەپەندىلەر» ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىن نېمىلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىننى دۇملىپىنار ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا كۈتاھيا ۋىلايىتىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 300 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

بىز يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان كىشىلەر دوكلات بەرگەن ئوقۇتقۇچىلار بىلەنمۇ سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇملۇپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولغان زالدا دوكلات بەردىم. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردىم. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىمۇ يۇقىرى ئىدى. كۈنتەرتىپتە مەسىلىلەر توغرىسىدا سوئاللار سورىدى، جاۋاب بەردىم. تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردىم».

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بەرگەن دوكلاتىدا تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەر دائىم شۇنى تەكىتلەپ كەلدۇق. تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلار كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى كېرەك. چۈنكى تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم قان جەھەتتىن، ھەمدە دىنىي جەھەتتىن ئوخشاشلىقى بار. شۇڭا تۈركىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى تەرەققىي قىلدۇرىمەن دەپ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلاتتىم».

2-دېكابىر كۈنى ئەسكىشەھىر شەھىرىدىكى تۈرك ئوچاقلىرىدا دوكلات بەرگەن پروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقوغلۇ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بەرگەن دوكلاتىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىنسان ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەسكىشەھىرلىك ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار زالنى لىق تولدۇردى. شەرقىي تۈركىستاندا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئاڭلاتتىم. مەن تۈركىيەلىك بولغاچقا ئۆزۈم شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزۈم كۆرگەن ۋە بېشىمدىن ئۆتكۈزگەنلىرىمنى ئاڭلاتقاچقا كىشىلەر تېخىمۇ بەك ئىشىنىدىكەن. مەن 3 يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستانغا بارغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىدا سۆزلىشىش، دىنىي ئېتىقادىنى ئەركىن ياشاش، بىر يېزىدىن يەنە بىر يېزىغا بېرىش ئەركىنلىكىنىڭمۇ يوقلۇقىنى كۆردۈم، بۇنى 7-8 قېتىم دوكلات بېرىپ ئاڭلاتتىم، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئاڭلىتىمەن.»

ئەسكىشېھىردىكى دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك ئوچاقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى پروفېسسور دوكتور نەدىم ئۈنال ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تۈرك ئوچاقلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئاخباراتچىلىق، دوكلات بېرىش ۋە سۆھبەت پائالىيەتلىرى ياشلارنىڭ كاللىسىغا بەكلا تەسىر قىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەكرەم قېرىندىشىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى بەك مۇھىم ئىدى. بىز بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىزنىڭ تەشكىلاتىمىز پەقەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىمىز»

دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرىدا دوكلات بەرگۈچىلەرگە خاتىرە بۇيۇمى بېرىلدى.

پىكىرلەر (0)
  • پرىنت
  • ھەمبەھر
  • ئېلخەت
تولۇق بەت