قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاقلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2017.12.14
qazaq-xitaydiki-qerindashlirimizni-qutquzayli.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ بارغان قازاقلار «خىتايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى قوغداش» نامىدا ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 17-ئۆكتەبىر، ئالماتا.
Yighin teshkilligüchiliri teminligen

يېقىندا ئاستانادا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق تۇتقۇنلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەقتە ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.

«ھازىرقى زامان» تېلېۋىزىيە قانىلىدا بېرىلگەن «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئېتنىك قازاقلار ئۈچۈن ‹يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى› قۇرۇشتا ئەيىبلەندى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدا 160 تىن ئوشۇق قازاق سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، تۇتقۇن قىلىنغانلار تارىخىي ۋەتىنى، يەنى قازاقىستان بىلەن ئالاقە باغلىغانلىقى ئۈچۈن «سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە» سولانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ تەقدىرى بۈگۈنكى كۈنگىچە نامەلۇم بولۇپ قالماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدا تۇتقۇن قىلىنغان قازاقلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قازاقىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىخانىسىغا بۇ ھەقتە خەت يازغان بولسىمۇ، ئۇلارغا ھازىرچە جاۋاب ئالالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قازاقىستاننىڭ باش تەپتىشى جاقىپ ھاسانوف بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مۇبادا بىزگە مۇنداق ئەرز چۈشكەن بولسا، بىز بۇ مەسىلىنى خەلقئارا قانۇنلار ۋە ئىككى تەرەپلىمىلىك كېلىشىملەر بويىچە ھەل قىلىشقا تەييار ئىدۇق. ئەمما بىزگە مۇنداق ئەرز كېلىپ چۈشمىدى. ئەلۋەتتە، بۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، بەلكىم بۇ مەسىلىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نامىغا ئەۋەتسە كېرەك».

ماقالىدا خىتايدىكى قازاقلار ھوقۇقلىرىنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇشۇ يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدا ئاستانا شەھىرىدە ئۆتكەن قازاقلارنىڭ دۇنياۋى قۇرۇلتىيىدا مۇھاكىمە قىلىنغانلىقى، قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئەلچىخانا ئارقىلىق بۇ مەسىلىگە دىققەت ئاغدۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇ كۈنگىچە ئەھۋالنىڭ ياخشىلانمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«راتېل ئۆز» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قازاقىستانلىقلار خىتايدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشتىن قورقىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىدا قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئالغان قازاقلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇغقانلىرى بىلەن ھەتتا تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىشتىنمۇ قورقىدىغانلىقى ئېيتىلغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى ماقالىدا تۈركىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن ئالاقىسى بار خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ خۇددى شۇنداق ئەھۋالغا دۇچار بولغانلىقى تەكىتلەنگەن. قازاقىستاننىڭ بىرلەشكەن سوتسىيال-دېموكراتىك پارتىيەسى يېنىدىكى ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە ياردەملىشىش مەركىزىنىڭ رەھبىرى لەززەت كامزې بۇ يەردە خەلقئارا ھوقۇق نورمىلىرىنىڭ، ئاياللار ۋە بالىلار ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتايدىكى قازاقلارنىڭ قامالغانلىقى ھەققىدە قازاقىستاننىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىنى ساقلاش بيۇروسى تورىدا بېرىلگەن «خىتايدىكى 160 ئېتنىك قازاق نېمە ئۈچۈن سوتلاندى» ناملىق ماقالىدىمۇ ئېيتىلغان. ئۇنىڭدا بۇ مەسىلە بويىچە قۇرۇلغان مەخسۇس كومېسسىيەگە 4000 گە يېقىن ئەرزنىڭ كېلىپ چۈشكەنلىكى، بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاي مەخسۇس ئورگانلىرىنىڭ 30 مىڭ قازاق ئائىلىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى تەكشۈرگەنلىكى، بۇ جەرياندا ئىسلام دىنىغا ئائىت بارلىق ماتېرىياللارنىڭ، شۇ جۈملىدىن بايراقلارنىڭ، كىتابلارنىڭ، سۈرەتلەرنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «لىبېرتى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى غالىم ئاگېلېيوفنىڭ پىكرىچە، بۇ مەسىلىنى ئىجابىي ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىككى مەملىكەت ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان مەخسۇس كومېسسىيە قۇرۇش لازىمدۇر. مۇنداق كومېسسىيە ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇستەھكەملىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا ئىجابىي قارىغان ھالەتتە خىتاي رەھبەرلىكىگە، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن تۇتقان سىياسىتىگە بولغان كۆزقاراش ئۆزگەرگەن بولاتتى. شۇ ۋاقىتتىلا ئۆز ئارا ياخشى ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش مۇمكىن بولار ئىدى. لېكىن مۇنداق ئىش يۈز بەرمەيۋاتىدۇ. سەۋەبى كىشىلىك ھوقۇق ھەم قازاقىستاندا ھەم خىتايدا يېتەرلىك دەرىجىدە ساقلانمايۋاتىدۇ. دائىرىلەر پەقەت ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزلىگەن ئەھۋاللاردىلا ئايرىم پۇقرالارغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن. ئومۇمەن ئادەتتىكى پۇقرالارغا ھەر ئىككى تەرەپتىن پەقەت سۆز يۈزىدىلا قوللاش بولۇشى مۇمكىن».

غ. ئاگېلېيوف ئومۇمەن خىتايدا ئۇيغۇر، قازاقلارغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىگە قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سىياسەتشۇناس رەسۇل جۇمالى، بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق مەكتەپلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتا خېلى ئەۋج ئالغانلىقىنى، ئىككىنچىدىن، قازاقلارنىڭ دىنىي ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۈچىنچىدىن، چەت ئەللەردە بىلىم ئېلىۋاتقان ياشلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ۋە بېرىپ-كېلىش ئىشلىرىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر زەرداب چەككەنلەر ۋە ئايرىم پائالىيەتچىلەر تەرىپىدىن ئالمۇتا ۋە ئاستانادا ئۇيۇشتۇرۇلغان مەلۇمات بېرىش يىغىنلىرىدا مۇھاكىمە قىلىنغان بولسىمۇ، ھازىرچە بۇ بىرەر نەتىجە بەرمىگەن.

رەسۇل جۇمالى بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «ئۇلارنىڭ ئويىچە، بۇ مەركىزىي خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى مۇنداق قاتتىق قەدەملەرگە بېرىۋاتقان شىنجاڭنىڭ ھازىرقى رەھبەرلىكىدۇر. ھازىر بۇ ھەقتە ئەرز خەتلىرى قازاقىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇلدى. يېقىندا بىر گۇرۇپپا قازاقىستان ۋەكىللىرى خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ قايتتى. ئۇلارمۇ بۇ مەسىلىنى قوزغىدى. ئەگەر بۇ مەسىلە ھەل قىلىنمايدىغان بولسا، ئاكتىپلار خەلقئارا تەشكىلاتلارغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا، ياۋروپادىكى خېلسىنكى كومىتېتى ۋە باشقىمۇ تەشكىلاتلارغا ئەرز قىلىشنى كۆزدە تۇتماقتا».

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قازاق پۇقرالىرىنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ، بەزى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەلچىسى ئۇيغۇرلار توغرىلىقمۇ دۇنيادا دەيدىغىنىنى دېدى. ئۇ ياقتا ھەممە مىللەتلەر تەڭ، ئۇلارغا ھەممە ئىمتىيازلار يارىتىلغان دېدى. لېكىن ئەگەر قازاق ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قولىدا بار ھوقۇقلىرىنى ئىشلىتىپ، خىتاي بىلەن مۇشۇ مەسىلىدە ئاكتىپ پائالىيەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولسا، بېيجىڭ قازاقلارغا نىسبەتەن ئەۋرىشىم بىر قارارنى مەيدانغا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ يەردە چوڭ بىر ئۆزگىرىش بولمايدۇ. خىتاي يالغان ئېيتىش سىياسىتىنى ئېلىپ ماڭىدۇ. قازاق ھۆكۈمىتى، ئەلۋەتتە، مۇستەقىل دۆلەت. ئۇ بېيجىڭ بىلەن ئاكتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى، ئىنسان ھوقۇقىنى، دېموكراتىيە مەسىلىسىنى قاتتىقراق قويۇشى كېرەك».

ق. غوجامبەردى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنى بۆلۈپ باشقۇرۇش، ئۇلارنى بىر-بىرىگە قارشى قويۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما كېيىنكى يىللىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارشى باستۇرۇش سىياسىتىنى خېلى كۈچەيتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.