ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 18 - نۆۋەتلىك باشقۇرۇش ھەيئىتى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار ماقۇللاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.11.28
wakaletsiz-milletler-yighini-jenwe-2014.jpg ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 18 - نۆۋەتلىك باشقۇرۇش ھەيئىتى يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Erkin Tarim


بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولالمىغان مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 18 - نۆۋەتلىك يىغىنى 27 - 28 - نويابىر كۈنلىرى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلدى. يىغىنغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتناشتى.

يىغىندا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 6 ئايلىق خىزمەت دوكلاتى ئوقۇپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن يىغىندا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان مىللەتلەر بىلەن ئەزالىقتىن چېكىنىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. يېڭى مۇستەقىل بولغان بەزى مىللەتلەر ئەزالىقتىن چىقىرىلىپ، بەزى مىللەتلەر ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا قىلىپ قوبۇل قىلىندى.

ئاخىرىدا، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىمىزدىكى 6 ئايلىق خىزمەت پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ ماقۇللاندى. 6 ئايلىق پىلان ئىچىدە 2015 - يىلى 3 - ئايلاردا د ئۇ ق بىلەن بىرلىكتە ياۋرۇپا پارلامېنتىدا «شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنى» تېمىسىدا خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىش، 5 - ئايدا يەنە ياۋرۇپا پارلامېنتىدا «تىبەت، ئۇيغۇر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش مەسىلىسى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىش، 2015 - يىلى 6 - ئايدا گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يىغىن ئېچىش قاتارلىقلار بار ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، يىغىن توغرىسىدا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭلار.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.