خىتاينىڭ ب د ت ئىنسان ھەقلىرى مېخانىزمىغا چىرماق سېلىشى قاتتىق ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.09.06
xitay-bdt-uyghur-paaliyetchi-malal.jpg خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2017-يىلى 18-يانۋار، جەنۋە.
hrw.org

«ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» 5-سېنتەبىر ئېلان قىلغان زور ھەجىملىك دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى(ب د ت ) نىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە مەنسۇپ خىزمەت مېخانىزمىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، ب د ت نىڭ نورمال خىزمىتىنى ئاقسىتىپ قويۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۆكتىچى پىكىردىكىلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ سەۋەبلىك كۆپ دىشۋارچىلىققا ئۇچرىغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئالاقىدار شەخسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ئەمەلىيەتتە ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىق» دەپ كۆرسەتتى.

ب د ت نىڭ دائىملىق خىزمەتلىرىنىڭ بىرى ھەرقاچان ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدە بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا كۆپلىگەن ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە توسقۇن بولۇۋاتقان بەزى ئامىللارمۇ مەۋجۇت. مۇشۇ ئامىللارنىڭ بىرى بىر قىسىم دىكتاتورا ھاكىمىيەتلەردىن كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ساھەدە سەلبىي ئۈلگە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋال ئىنسان ھەقلىرى ساھەسى بويىچە خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلات بولغان «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان مەخسۇس تېمىدىكى دوكلاتتا يەنە بىر قېتىم ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.

5-سېنتەبىر كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە «خەلقئارا تەشەببۇسنىڭ بەدەللىرى: خىتاينىڭ ب د ت ئىجراسىدىكى ئىنسان ھەقلىرى خىزمىتىگە چىرماق سېلىشى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان زور ھەجىملىك دوكلاتنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئىجرائىيە رەئىسى كېننېس روس سۆز قىلىپ، دوكلاتنىڭ تەييارلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ھەمدە ئۇنىڭدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلار ھەققىدە مەلۇماتلار بەردى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى مەۋجۇت ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر قىلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى تەنقىدچىلەرنى ۋە پائالىيەتچىلەرنى جىمىقتۇرۇش مەقسىتىدە ئىزچىل ھالدا ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى خىزمەتلىرىگە «ئاكتىپلىق» بىلەن قاتنىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر دوكلاتتا مۇھاجىرەتتىكى مۇستەقىل پائالىيەتچىلەر ھەمدە ئىنسان ھەقلىرى پىداكارلىرىنىڭ ھەرقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە سوزۇلغان قوللىرىنىڭ تەسىرىدە ھەرخىل تەقىبگە ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ كەلگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن خىزمەتچىلەرنىڭ ب د ت غا مەنسۇپ ئىشخانا بىنالىرىدا ب د ت نىڭ ئالاقىدار قائىدىلىرىگە خىلاپ ھالدا يىغىنغا كەلگەن ئۆكتىچى زاتلارنى رەسىمگە ياكى سىنغا ئالغانلىقى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئۆكتىچىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىۋاتقان بېسىملار تۈپەيلىدىن ئەركىن ھالدا ب د ت يىغىنلىرىغا قاتنىشىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغانلىقى بايان قىلىنغان. كېننېس روس بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەر توغرىلىق سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ يېقىنقى كەچۈرمىشلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مىسال بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«بۇنداق ئىشلار يالغۇز جەنۋەدىلا كۆرۈلگىنى يوق. يەنە نيويورك شەھىرىدە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى دولقۇن ئەيسا ئاخبارات ساھەسىگە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى بويىچە مەلۇمات بېرىشكە تولۇق تەييارلانغان ئىدى. ئۇ ئۆزى تەكلىپ قىلىنغان يىغىن زالىدا تۇرغاندا ئۇشتۇمتۇت ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنى بىنانىڭ سىرتىغا ‹ئەچىقىپ قويغان›. ئۇلار بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەنچىمۇ بەرمىگەن. شۈبھىسىزكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەردە قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى مۇشۇ تەرىقىدە ب د ت نىڭ نيو يوركتىكى باش شتابىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ب د ت دىن مۇشۇ خىلدىكى ھادىسىلەر ھەققىدە زادى نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە سوراپ كۆرمەكچى بولدۇق. ئەپسۇسكى بىزنىڭ ئالغان جاۋابىمىز كىشىنى زادىلا قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ. ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونيو گۇتتېرېس بولسا بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن بۇنداق ئىشلارنىڭ بۇندىن كېيىن ئەمدى قايتا سادىر بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما خىتاينىڭ نامىنى تىلغا ئالمىدى. لېكىن بىز سوئالىمىزدا خىتاينى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ھەمدە مۇشۇ مەسىلە توغرىلىق سورىغان ئىدۇق.»

مەزكۇر دوكلات ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى خىزمىتىگە خىتاينىڭ قانداق چىرماق سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىۋاسىتە چۈشەنچىگە ھەمدە كەچۈرمىشكە ئىگە كىشىلەر بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرىسى ئاساسىدا يېزىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ب د ت نىڭ خىزمەتچىلىرى، چەتئەل دىپلوماتلىرى ھەمدە پۇقراۋى جەمئىيەتنىڭ ۋەكىللىرى بار. مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاشقا بىۋاسىتە قاتناشقان خادىملاردىن «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى سوفى رىچاردسون خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە مۇشۇنداق بىر دوكلاتنى تەييارلاشنىڭ بەكمۇ زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھازىر كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، شۇنىڭدەك خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسىنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى خىزمىتى مېخانىزمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى ھازىر مۇھىم مەسىلىلەردىن بولۇۋاتىدۇ. بىز ب د ت جەزمەن خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا قارىتا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىم، دەپ قارىدۇق. چۈنكى خەۋىرىڭىز بولغىنىدەك خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مېخانىزملارنىڭ نورمال ئىشلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان كۆپلىگەن توسۇقلارنى پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ ئۇ جايدا قانداق مۈشكۈلاتتا ياشاۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس. ھازىر تېخىمۇ يامان بولۇۋاتقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا بۇ مېخانىزمىنىڭ نورمال ئىشلىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلىرىدۇر.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خادىملىرى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئاشۇ كىشىلەرنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بويىچە ب د ت دا پائالىيەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان ھەمدە ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ كەلگەن. بولۇپمۇ غەيرىي رەسمىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى بۇنىڭ زىيىنىغا ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان. دوكلاتتا بۇ جەھەتتىكى تىپىك مىساللار قاتارىدا تىبەتلەرنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لاما ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى دولقۇن ئەيسا كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان. سوفى رىچاردسون خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ بۇنىڭ تولىمۇ قورقۇنچلۇق بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا نيويوركتىكى يىغىن زالىغا كېتىۋاتقاندا ئاشۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ يىغىن مەيدانىدا ھازىر بولۇشقا تولۇق ھوقۇقلۇق ئىدى. ھالبۇكى ب د ت خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان مۇئامىلىسى شەك-شۈبھىسىزكى ب د ت نىڭ خىزمەت تەرتىپلىرىگە خىلاپ. شۇ قېتىملىق ۋەقەدە ب د ت ئۆزىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئۆزى خىلاپلىق قىلىپلا قالماستىن يەنە مۇشۇ قىلمىشنىڭ سادىر بولۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۈنۈملۈك ھالدا ‹بىز ئۆزىمىزنىڭ قائىدىسى بويىچە ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ دېگىنىڭىز بويىچە ئىش قىلىمىز. بىز ب د ت نىڭ قائىدىلىرىنى تىنچلىق يولىدىكى مۇستەقىل پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاي ئۈچۈن ئۇيان-بۇيان قىلالايمىز› دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزگەنلىكتۇر. ھالبۇكى بۇ ناھايىتى زور قاباھەتتىن بېشارەت بېرىدۇ.»

مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ مۇشۇ خىلدىكى پاراكەندىچىلىكىگە كۆپ قېتىملاپ دۇچ كەلگۈچىلەر قاتارىدا مىسالغا كەلتۈرۈلگەن غوللۇق شەخسلەرنىڭ بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ سەپەر ئۈستىدە بولۇشىغا قارىماي مەزكۇر دوكلاتنى بىر قۇر كۆرۈپ چىققانلىقىنى، بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر داۋاسى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈلاتلارنىڭ بىر تەرىپىنى تاشقى دۇنياغا بىلدۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دولقۇن ئەيسانىڭ پىكرىچە خىتاينىڭ شۇنچە زور كۈچ سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ خەلقئارادىكى پائالىيەتلىرىنى، بولۇپمۇ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇشىدا ئاشۇ شەخسلەردىن كۆرە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدىن بەكرەك قورقىدىغانلىقى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىكەن.

مەزكۇر دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىگە، ب د ت غا ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار كومىتېتلىرىغا تەكلىپ-تەۋسىيەلەر بېرىلگەن. شۇنىڭدەك «ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون خانىمنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، ب د ت باش كاتىپى، باش كاتىپ ئىجرائىيە ئىشخانىسى، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىتېتى قاتارلىقلارغا يازغان ئوچۇق خەتلىرى ھەمدە سوئاللىرى، شۇنىڭدەك بۇ خەتلەرگە قايتۇرۇلغان يازما جاۋابلار كىرگۈزۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.